روزى مەمەت چېمپىيون بولدى

23607 2010-03-25 15:43:35   ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى   نادىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    جوڭگۇ 2010 -يىللىق كەسپىي سىنوك سەييارە مۇسابىقىسىنىڭ جاڭجياگاڭ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ ماھىرى روزى مەمەت <<تۇلپار>> ماھىرلىق ۋەزىپىسىنى ئىزچىل ساقلاپ ،ئاخىرى چېمپىيون بولدى.ئۇ،بۇ مۇسابىقە تارىخىدا رايۇنلار مۇسابىقىسىدە رەسمىي مۇسابىقىگە كىرگەن ھەمدە چېمپىيۇن بولغان تۇنجى ماھىر بولۇپ قالدى .
    روزى مەمەت 1983-يىلى كورلا شەھرىدە تۇغۇلغان بولۇپ ،ھازىر شىئەندە مەشىق قىلىۋاتىدۇ.ئۇ 2005 -يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ تەنتەربىيە يىغىنىنىڭ سىنۇك مۇسابىقىسىدە 3- لىككە ئىرىشكەن ،جوڭگۇ 2008-يىللىق كەسپىي سىنوك سەييارە مۇسابىقىسىنىڭ يىشىڭ بېكىتى مۇسابىقىسىدە تۆت كۈچلۈك ماھىر قاتارىغا كىرگەن جوڭگۇ 2009 -يىللىق كەسپىي سىنوك سەييارە مۇسابىقىسىنىڭ خەيكۇ بېكىتى مۇسابىقىسىدە 32 كۈچلۈك ماھىر قاتارىغا كىردى.

 

 

 

 

 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر