خەلقئارالىق لىنيىسى، كرودىيە «خەۋەر» تورى خەۋرى، ئالدىنقى ھەپتىدە، ئىسپانىيەدىكى ھايۋاناتلارنى قوغدۇغۇچىلار بىرلىكتە كالا بىلەن ئېلىشىش پائالىيىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشچىلار يالىڭاچلىنىپ، مادرىدتىكى چوڭ مەيدانغا يىغىلىپ، بەدىنىگە قىزىل رەڭلەرنى بوياپ نارازىلىقىنى بىلدۈردى. بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچىنىڭ مەقسىتى ئىسپانىيەدە يىل بويى ئۆتكۈزىلۋاتقان كالا بىلەن ئېلىشىش پائالىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئىكەن. ئەمما كالا بىلەن ئېلىشىش پائالىيىتىنى چەكلەش ياكى داۋاملىق يولغا قويۇش توغرىسىدا كىشىلەر ئارىسىدا تالاش-تارتىش بولىۋاتقىلى خېلى بولدى.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...