2009-يىل 12-ئاينىڭ 25-كۈنى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلرى كومىتېتى «2009-يىللىق جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە دائىر 10 چوڭ خەۋەر»نى ئېلان قىلدى. باھالاش پائالىيتىنى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مەدەنىيەت-تەشۋىقات مەھكىمىسى، ئۇچۇر مەركىزىي باش بولۇپ ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ژۇرنىلى تەھرىراتى، جۇڭگو مىللەتلىرى گېزىتى تەھرىراتى، مىللەتلەر رەسىملىك ژۇرنىلى تەھرىراتى ھەمكارلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مەركەزدىكى قىسمەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرى، ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلىرى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇرمەنلەر ۋەكىللىرى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن.
1. 3-ئاينىڭ 28-كۈنى شىزاڭ مىليونلىغان يانچىلارنىڭ ئازادلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى قىلىپ بېكىتىلدى.
1-ئاينىڭ 19-كۈنى، دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-سانلىق يىغىنىدا قارار چىقىرىپ، 3-ئاينىڭ 28-كۈنىنى « شىزاڭ مىليونلىغان يانچىلارنىڭ ئازادلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى» قىلىپ بېكىتتى. شۇ مەزگىلدە، بېيجىڭدا « شىزاڭ مىليونلىغان يانچىلار ئازادلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى»، « شىزاڭ دېموكراتىك ئىسلاھاتىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش چوڭ تىپلىق كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزۈلدى، لىخاسادا شىزاڭ مىليونلىغان يانچىلارنىڭ ئازادلىقىنى خاتىرىلەش كۈنىنى تەبرىكلەش يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.
2. گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى بۇ يىل ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا ئالاقىدار ئۈچ پارچە ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى.
3-ئايدىن باشلاپ، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئارقا-ئارقىدىن «شىزاڭ دېموكراتىك ئىسلاھاتىنىڭ 50 يىللىقى»، «شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشى» ۋە «جۇڭگونىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشى» ناملىق ئۈچ پارچە ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، شىزاڭ ۋە شىنجاڭنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى تارىخىي زور ئۆزگىرىشلىرىنى ئايرىم-ئايرىم تونۇشتۇردى، جۇڭگونىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى سىستېمىلىق، ھەرتەرەپلىمە بايان قىلىپ بەردى.
3. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيانقى مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلدى.
9-ئايدا ئېچىلغان «شانلىق 60 يىل — جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمىسى»نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر بۆلىكى ۋە 6-ئايدىكى «يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى ئىچكى موڭغۇل، گۇاڭشى، نىڭشيا، شىنجاڭ، شىزاڭ مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى»دە ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى ئىشلىرىدا ئېرىشكەن شانلىق نەتىجىلەر ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇرۇلدى. 2008-يىلى مىللىي رايونلارنىڭ GDPسى 3 تىرىليون 626 مىلياردقا يەتكەن.
4. خۇ جىنتاۋ قاتارلىق مەركەز رەھبەرلىرى مىللىي رايونلارغا بېرىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈردى.
7-، 8-ئايلاردا، باش شۇجى خۇ جىنتاۋ يۈننەن، شىنجاڭ قاتارلىق مىللىي رايونلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھەر مىللەت كادىر ئاممىسىنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئىلھام بەردى. بۇ يىل ئىچىدە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزالىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىچكى موڭغۇل، گۇاڭشى، چىڭخەي، نىڭشيا قاتارلىق مىللىي رايونلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
5. گوۋۇيۈەن «ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيەت ئىشلىرىنى يەنىمۇ گۈللەندۈرۈش-راۋاجلاندۇرۇشقا دائىر بىر قانچە پىكىر»نى ئېلان قىلدى.
7-ئاينىڭ 5-كۈنى، گوۋۇيۈەن « ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيەت ئىشلىرىنى يەنىمۇ گۈللەندۈرۈش-راۋاجلاندۇرۇشقا دائىر بىر قانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى. بۇندىن بۇرۇن، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق «مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيەت خىزمەت يىغىنى» بېيجىڭدا چاقىرىلدى.
6. «مەملىكەت بويىچە نوپۇسى بىرقەدەر ئاز مىللەتلەرنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانى (2005-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە)»نى يولغا قويۇش ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى.
7-ئاينىڭ 10-كۈنى، مەملىكەتلىك نوپۇسى ئاز مىللەتلەرنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى بويىچە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى چىڭخەيدە چاقىرىلدى. 4 يىلدىن بۇيان، دۆلەت ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك يۆلەش تۈرلىرى 8000دىن ئېشىپ، 2 مىليارد 560 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، نۆۋەتتە يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشى ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى.
7. خەلقئارا ئىنسانشۇناسلىق ۋە مىللەتشۇناسلىق بىرلەشمىسى خەلقئارالىق يىغىنى جۇڭگودا تۇنجى قېتىم ئېچىلدى.
7-ئاينىڭ 27-كۈنى، «ئىنسان، تەرەققىيات ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىشى»نى ئاساسىي تېما قىلغان خەلقئارا ئىنسانشۇناسلىق ۋە مىللەتشۇناسلىق بىرلەشمىسى 16-نۆۋەتلىك يىغىنى كۇنمىڭدا ئېچىلدى، 100گە يېقىن دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 4000 مىڭدىن ئارتۇق ئالىم-مۇتەخەسسىس يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن 156 مەيدان مەخسۇس تېما بويىچە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، 19 كىنو-تېلېۋىزىيە مەخسۇس يىغىنى، 23 مەيدان كىنو-تېلېۋىزىيە كۆرگەزمىسى ۋە 6 كۆرگەزمە پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى.
8. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي مائارىپ دائىرسىگە كىرگۈزۈلدى.
8-ئايدا، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مائارىپ مىنىستىرلىكى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەردىن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى» بويىچە ئاساسىي تېما پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى، ھەمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى دۆلىتىمىز باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ سىنىقى ۋە ئوتتۇرا تېخنىكۇم، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىمتىھانى دائىرسىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.
9. گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى نەمۇنىچىلارنى تەقدىرلىدى.
9-ئاينىڭ 29-كۈنى، گوۋۇيۈەن 5-قېتىملىق مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، 739 نەمۇنىچى كوللېكتىپ، 749 نەمۇنىچى شەخس تەقدىرلەندى، باش شۇجى خۇ جىنتاۋ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش نەمۇنىلىك ئىش ئىزلىرى دوكلات ئۆمىكى 9 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە سەييارە نۇتۇق سۆزلىدى.
10. «جۇڭگو مىللەتلىرى ئەلئارا ئون توپلاملىق ئەدەبىيات-سەنئەت تەزكىرىسى» تولۇق نەشردىن چىقتى.
10-ئايدا، مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، مەملىكەتتىكى 100 مىڭ ھەر مىللەت مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە قان-تەرىنى مۇجەسسەملىگەن، 30 يىل توپلانغان « جۇڭگو مىللەتلىرى ئەلئارا ئون توپلاملىق ئەدەبىيات-سەنئەت تەزكىرىسى» تولۇق نەشردىن چىقتى. تەزكىرە جەمئىي 4 مىليارد 500 مىليون خەت، 298 توپلام، 450 پارچە كىتابتىن تەركىب تاپتى.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...