مەككىدە باشلانغان ھەج قىلىش پائالىيتى
ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان ھەج تاۋاپ قىلىش پائالىيتى 25 – نويابىر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مۇقەددەس شەھىرى مەككە ۋە مەدىنەدە باشلاندى . ھەج پائالىيتىگە قاتناشقان مۇسۇلمان ئاممىسى 2مىلىيۇن500 مىڭغا يەتتى .
بۇ يىللىق ھەج قىلىشنىڭ بېسىق مەزگىلى 25 – نويابىردىن 29 – نويابىرغىچە داۋاملىشىدىكەن . ئىلگىرىكى يىللارغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى ، بۇ يىل ھەج پائالىيتىگە قاتناشقان مۇسۇلمانلارنىڭ A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەزىيەتكە قارىتا 20 مىڭ تېببىي خادىم ئورۇنلاشتۇرۇپ ، زۇكام ئەھۋالىنى قاتتىق نازارەت قىلىدىكەن ، ئۇنىڭدىن باشقا 100 مىڭدىن ئارتۇق ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرى ئامانلىقنى قوغدايدىكەن .
ھەج تاۋاپ قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلار
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...