قىرغىزستاندا پېنسىيە پۇلى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ %50 ئۆستۈرۈلدى
2009 - يىلى 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، قىرغىزستان زۇڭتۇڭى ق. باكىيېۋ زۇڭلى ئى. چيۇجىنوۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە مۇنداق دەپ بىلدۈردى: قىرغىزستان ھۆكۈمىتى دۆلەتلىك ئىجتىمائىي فوند بىلەن بىرلىكتە ئامال قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ پېنسىيە پۇلى 2009 - يىلى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ %50 ئۆستۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، زۇڭتۇڭ يەنە ئاھالىلەرنىڭ پېنسىيە پۇلى 630 سۇمدىن 800 سۇمغا، ئاساسىي ئىستراخۇانىيە پۇلى 811 سۇمدىن 253 1 سۇمغا ئۆستۈرۈلىدۇ، ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە پېنسىيە مائاشى 138 2 سۇمغا يېتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
2005 - يىلى قىرغىزستان ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە پېنسىيە مائاشى 714 سۇم ئىدى. ئەگەر بۇ يىل 6 - ئايدىكى پېنسىيە پۇلىنىڭ ئۆرلىشىنى نەزەردە تۇتساق، ئۇنداقتا 2005 - يىلىدىن 2009 - يىلىغىچە قىرغىزستان ئاھالىرىنىڭ پېنسىيە پۇلى 2 ھەسسە ئۆرلىگەن بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، زۇڭتۇڭ باكىيېۋ يەنە 2014 - يىلىغىچە پېنيىسە پۇلىنى يەنە %50 ئۆستۈرۈشنى پىلانلىدى ھەمدە ھۆكۈمەتكە بۇ خىزمەتنى ئىجرا قىلىشقا بولۇش - بولماسلىقىنى مۇزاكىرە قىلىشقا ھاۋالە قىلدى.