ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولىدا قاتناش باشلاندى
ئۈرۈمچى لېنىيىسى خەۋىرى : ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى باغلىما يول كۆۋرۈكىنىڭ ئاستىدىكى يولدا 19–ئۆكتەبىردىن باشلاپ قاتناش باشلاندى . ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر ئىشلىرى ، شەھەر قۇرۇلۇشى باشقارمىسى شوپۇرلارنى بۇ يولدا يۈرگەندە قۇرۇلۇشنىڭ تولۇق پۈتمىگەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ سۈرەتنى ئاستىلىتىشنى ئەسكەرتتى .
تونۇشتۇرۇلۇشچە ، باغلىما يولنىڭ غالىبىيەت يولى بۆلىكى تۆت ئاپتوموبىل ئۆتەلەيدىغان ، يەنئەن يولى بۆلىكى بەش ئاپتوموبىل ئۆتەلەيدىغان قىلىپ ياسالغان . بۇ كۆۋرۈك چىيەنتاڭجياڭ كۆۋرۈكى بىلەن غالىبىيەت يولىنى تۇتاشتۇرىدىكەن . غالىبىيەت يولىغا باغلانغان بۇ يولنىڭ ئومومىي ئۇزۇنلۇقى 625 مېتىر ، يەنئەن يولىغا چۈشكىچە بولغان كۆۋرۈكنىڭ ئومومىي ئۇزۇنلۇقى 300 مېتىردىن ئارتۇقراق ئىكەن . كۆۋرۈك مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى پۈتۈپ قاتناش رەسمىي باشلىنىدىكەن .