« پولشا قاتارلىق ئەللەر گىتلېرنىڭ < يانتاياقچىلىرى > » دېگەن خەۋەر تالاش - تارتىش پەيدا قىلدى

104 2009-05-25 12:50:19   شىنجاڭ رادىئو خەۋەرلەر تورى   ئەقىدە
T|T:خەت رەزمىرى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېرلىن، 24 - ماي تېلېگراممىسى: گېرمانىيىدە بۈگۈن نەشردىن چىققان « ئەينەك « ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ باش ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا ناتسېست گېرمانىيىسى ئىشغال قىلىۋالغان پولشا، فرانسىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە قاتارلىق ئەللەر ناتسېستلارنىڭ يەھۇدىيلەرنى قىرغىن قىلىشتىكى « يانتايقى » بولغان .

  ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلدى: ئەگەر ئىشغال قىلىۋېلىنغان بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىر قىسىم ئاھالىسى « ئاكتىپ » ماسلىشىپ بەرمىگەن بولسا، نەچچە 100 مىڭ يەھۇدىي قىرىپ تاشلانمىغان بولاتتى، ئەڭ چوڭ ناتسېست جىنايەت گۇماندارى دىمياندۇڭ بۇ ھازىرقى ھۆكۈمنىڭ تىرىك دەلىلى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博