شىنخۇا ئاگېنتلىقى، يېرۇسالېم، 14 - ماي تېلېگراممىسى: ئىسىرائىلىيدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پاتېنتتا يېقىندا ئىسىرائىلىيىنىڭ زۇڭلىسى نىتانياخۇ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى باراك ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن مەخپىي سۆھبەتلەشتى .
خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى: سۆھبەت ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدە بولۇپ، ئىسىرائىلىينىڭ رەھبەرلىرى ئامېرىكىغا ئىرانغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلماسلىققا ۋەدە بەردى، ئەمما ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشنى خالىمىدى.