ئافغانىستان زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ يۈزلىنىشى قانداق بولىدۇ

46 2009-05-13 13:04:15   شىنجاڭ رادىئو خەۋەرلەر تورى   ئەقىدە
T|T:خەت رەزمىرى

  ئافغانىستان مۇستەقىل سايلام كومىتېتى مۇشۇ ئاينىڭ 8 - كۈنى سائەت 17دە يېڭى نۆۋەتلىك ئافغانىستان زۇڭتۇڭ سايلىمى نامزاتىنى تىزىملاش خىزمىتىنى رەسمىي تاماملىدى. 2004 - يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئۇرۇشتىن كېيىنكى تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىملىق زۇڭتۇڭلۇق ئورنىنى تالاشماقچى بولغان نامزاتلارنىڭ سانى شۇ يىلىدىكى 18 دىن شىددەت بىلەن كۆپىيىپ 44 كە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇدا سايلانماقچى بولغان كارزايىمۇ بار. ھالبۇكى ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، غەلبە تەدرىجى كارزايىغا مايىللاشماقتا.

  ئانالىز قىلغۇچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، باشقا زۇڭتۇڭ نامزاتلىرى ئىچىدە كارزايىغا خىرىس ئېلىپ كېلەيدىغىنى پەقەت ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە "مىللىي فرونتى" نىڭ ۋەكىلى ئابدۇللا بىلەن سابىق مالىيە مىنىستىرى جانى ئىكەن.

  بۇنىڭدىن ئاۋۋال، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى ياقتۇرىدىغان نانگارخار ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى شېرزايى بولسا كارزايى بىلەن 4 سائەتتىن ئارتۇق مەخپىي سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن سايلامدىن چېكىنىپ چىقتى.

  مۇشۇ ئاينىڭ 4 - كۈنى كارزايى ئۆزىنىڭ سايلامغا قاتنىشىش گۇرۇپپىسى - سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فاشىم ۋە ھازىرقى 2 - مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ خېلىل بىلەن سايلامغا قاتنىشىشقا تىزىملاتتى. فاشىم بىلەن خېلىل ئايرىم ھالدا ئافغانىستاندىكى 2 - چوڭ مىللەت تاجىك مىللىتى ۋە 3 - چوڭ مىللەت خەزەر مىللىتىدىن، كارزايى بولسا 1- چوڭ مىللەت پۇشتۇ مىللىتىدىن. شۇڭا بۇ ئۈچى كۈچلۈك "تەۋرەنمەس ئۈچ بۇرجەك" مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرگەن.

  كارزايىنىڭ فاشىمنى ئۆزىنىڭ سايلامغا قاتنىشىش شېرىكى قىلىپ تاللىشى غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تالاش - تارتىشىنى قوزغىدى. غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرى فاشىمنى ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، كۆپ تۈرلۈك ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن، دەپ ئەيىبلىدى. جامائەت پىكرىنىڭ ئانالىز yanfunقىلىشىچە، كارزايىنىڭ بۇ نۆۋەت كۆز تىككىنى فاشىمنىڭ "مىللىي فرونتى" تىكى ئورنى بولۇپ، فاشىم بۇ پارتىيىنىڭ مۇھىم رەھبەرلىرىنىڭ بىرى ئىكەن، تەسىر كۈچى ھەتتا ئابدۇللادىن يۇقىرى تۇرىدىكەن.

  كارزايى ئەڭ چوڭ ئۆكتىپى پارتىيە "مىللىي فرونت" نىڭ كۈچىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاجىزلاتقانلىقتىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئابدۇللا سايلامغا قاتنىشىش كوللېكتىپىنىڭ تەسىر كۈچى كارزايىنىڭكىدىن خېلىلا تۆۋەن بولغانلىقتىن، ئافغانىستان ئاخبارات ۋاستىسى ئومۇميۈزلۈك، ئابدۇللانىڭ سايلامغا قاتنىشىش ئىستىقبالى دېگەندەك ياخشى ئەمەس دەپ قارىدى.

  بۇنىڭدىن سىرت، سابىق مالىيە مىنىستىرى جانىمۇ پۇشتۇ مىللىتىدىن ھەمدە ئافغانىستاندىكى زىيالىيلار ئىچىدە خېلى تەسىر كۈچكە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن بۇ دوكتۇر ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكىدا تۇرغانلىقتىن، ئافغانىستان قەبىلە رايوندىكى تەسىرىي كۈچى يەنىلا كارزايىغا يەتمەيدۇ. 

  ئەمەلىيەتتە، كارزايى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەڭ چوڭ خىرىس بەلكىم باشقا نامزاتلار ئەمەس بەلكى تۆۋەندىكى مۈمكىنچىلىكتىن يەنى، تىزىملاتقان سايلىغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئاۋاز بېرىش نىسبىتى يېتەرسىز بولغانلىقتىن، سايلام نەتىجسىنىڭ لاياقەتسىز بولۇپ ئېلان قىلىنىشى بولۇشى مۈمكىن.

   بىر قىسىم ئاۋاز بەرگۈچىلەرنىڭ ئاۋاز بېرىشكە تۇتقان پوزىتسىيىسىدىن كىشىلەر بۇنداق مۈمكىنچىلىكنى كۆرۈۋالالايدۇ. مەسىلەن 48 ياشقا كىرگەن كابول ئاھالىسى نادىرە مۇنداق دېدى: كارزايىدىن ئىنتايىن ئۈمۈدسىزلەندىم، ئۇنىڭغا ئاۋاز بەرمەيمەن. ئافغانىستان تېخىمۇ ئىقتىدارلىق زۇڭتۇڭغا ئېھتىياجلىق، ئەمما نۆۋەتتە تېخى بۇنداق نامزات يوق، شۇڭا  ئاۋاز بېرىشكە قاتناشمايمەن.

  شەھەردىكى تەربىيە كۆرگەن ئافغانىستانلىق ئاممىنىڭ قارىشىچە، ئۆز دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي ئويۇنى ئىكەن. 25 ياشقا كىرگەن كابول ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى خەمىد ئۈمىدسىلەنگەن ھالدا: بۇ سايلامنى ئامېرىكىلىقلار بېكىتىپ بولغان بولسا، كۈچەپ ئاۋاز بېرىپ نىمە قىلىمىز، دېدى.

  ئافغانىستاندىكى ساۋاتسىزلىق نىسبىتى %70 تىن ئاشىدۇ، كەنت ئاھالىلىرىدە سايلامدەك سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئېڭى يوق، پۈتۈنلەي قەبىلە ئاقساقاللىرى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇ. شۇڭا قايسى نامزات بەزى رايونلاردىكى قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلىسە شۇ رايوننىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەن بىلەن باراۋەر بولىدۇ.

  كارزايىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى مۇشۇ ئاينىڭ 21- كۈنى ئاياقلىشاتتى، ئەمما ئالىي سوت مەھكىمىسى يېقىندا ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى سايلامدا يېڭى زۇڭتۇڭ ۋۇجۇتقا چىققىچە ئۇزارتىشنى ھۆكۈم قىلدى. ئانالىز قىلغۇچىلارنىڭ قارىشىچە، كارزايى مۇشۇ مەزگىلدە دۆلەت كۈچىدىن پايدىلىنىپ قوللىغۇچى توپلايدىكەن.

  زۇڭتۇڭ نامزاتىنىڭ بىرى بولغان سابىق باش تەپتىش سابىت يېقىندىكى بىې ىېتىملىق يىغىلىشتا سايلامنىڭ ئېنىقلىقى ۋە ئادىللىقىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارە ئېيتتى. ئۇ مېسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: پەقەت كارزائىلا سايلام كومىتېتىغا بېرىپ تىزىملاتقاندا پايانداز سېلىپ كۈتۈۋېلىندى، دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىمۇ پۈتۈن مۇساپىسىنى ئۇلاپ كۆرسەتتى، باشقا نامزاتلار بۇنداق مۇئامىلىگە ئېرىشەلمىدى.

  2001  -  يىلىدىن بۇيان، ئافغانىستان يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دۆلەتكە قوشقان تۆھپىسىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ دۆلەتتىكى ئۇرۇشتا ۋەيران بولغان نۇرغۇن تاشيوللار قايتا ياسالدى؛ ئاياللار باراۋەر تەربىيە ئېلىش ۋە ئىجتىمائىي خىزمەتلەرگە قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى؛ ئافغانىستان خەلقى سىمسىز خەۋەرلىشىش، ئىنتېرنېت تورى قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلاردىن بەھرىمان بولالايدىغان بولدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى تالىبانلار ھۆكۈم سۈرىۋاتقان مەزگىللەردە تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئىشلار ئىدى.

  ئەمما كارزايى ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەڭ چوڭ يېتەرسىزلىك يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئافغانىستان بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت. 2006 - يىلىدىن بۇيان، تالىبان قوراللىق كۈچلىرى جەنۇبتىكى ئۇۋىسىدىن قايتا باش كۆتەردى ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ كۆز ئالدىدا زور مىقداردا ئەپىيۇن تېرىدى. چەتئەلنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قوشۇنلىرىمۇ قوراللىق ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغاندا ئارقا - ئارقىدىن بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ قازا قىلىش، يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنىڭدىن سىرت، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى چېرىكلىشىش ئەھۋالىمۇ ئېغىر بولۇپ، ئافغانىستان خەلقىنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلانمىدى، ئىشسىزلىق نىسبىتى ئادەمنى چۆچىتىدىغان 10 مىليونغا يەتتى يەتتى.

  تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرى خەلقتىن بۇ "غەرب ئەللىرى كونتروللىقىدىكى" زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قارشى تۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى ھەمدە ۋاقتى كەلگەندە ئاۋاز بېرىش پونتىكىغا ھۇجۇم قىلىمىز دەپ تەھدىت سالدى.     

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ كارزايى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بىر مەزگىل جىددىيلىشىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما كارزايىدىنمۇ مۇۋاپىق كېلىدىغان "ۋاكالەتچى" نى تاپالمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئافغانىستاننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ مەبلۇپ بولۇشىنى تېخىمۇ خالىمايدىكەن. چۈنكى، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشتىن ئاخىر 2001 - يىلى ئافغانىستانغا قوزغىغان ئۇرۇش "ھەققانىي ئۇرۇش"، ئافغانىستانغا "دېموكراتىيە بىلەن قانۇن - تۈزۈم " ئېلىپ كەلدى، دەپ قارايدىغان بولغاچقا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمى تۈرلۈك سەۋەپلەردىن ئۆتكۈزۈلمەي قالسا، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ 7 يىلدىن بۇيان ئافغانىستاندا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسىنى ئىنكار قىلغانلىق بولىدىكەن.

ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يېڭى ئىستراتېگىيىسىگە ئاساسەن، ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇھىم نۇقتىسىنى ئىراقتىن ئافغانىستانغا يۆتكىدى ھەمدە بۇ يىل 7 - ئايدىن بۇرۇن ئافغانىستانغا 17 مىڭ ئەسكەر كۆپەيتىپ ئەۋەتىپ، 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى باشلىنىدىغان زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلماقچى بولدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرمۇ ئامېرىكىغا ماسلىشىپ ئەسكەر كۆپەيتىپ ياكى خەلق ئىشلىرى مۇتەخسسىسلىرىنى ئەۋەتىپ، ئافغانىستان زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ ئۆز قەرەلىدە ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشماقتا. 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博