ئافغانىستان كاپىسا رايونىدىكى بىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان زەھەرلەنگۈچى
ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى باشالىنىڭ دەلىللىشىچە ، 12 – ماي كاپىسا رايونىغا جايلاشقان بىر قىزلار مەكتىپىگە سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان بىر كىشى زەھەرلىك گاز قويۇپ بەرگەن بولۇپ ، 94 ئادەمنىڭ زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . بۇ ، تېررورچىلارنىڭ يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ، قىزلار مەكتىپىگە ئۈچىنچى قېتىم زەھەرلىك گاز بىلەن ھۇجۇم قىلىشى ئىكەن . نۆۋەتتە ، ۋەقەنىڭ سەۋەبى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلىۋېتىپتۇ .
ۋەقەدە زەھەرلەنگەن قىزلار دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا