شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كابۇل، 6 - ماي تېلېگراممىسى: ئافغانىستاننىڭ بىر يەرلىك ئەمەلدارى بۈگۈن مۇنداق دېدى: ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا رەھبەرلىك قىلىۋاتقان بىرلەشمە ئارمىيە ئاخشام ئافغانىستاننىڭ غەربىدە ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، ئاز بولغاندىمۇ 100 بىگۇناھ پۇقرانىڭ بېشىغا چىقتى.
ئۇ ئەمەلدارى يەنە مۇنداق دېدى: بۇ خەۋەرنى بىز خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرىدىن ئاڭلىدۇق، ئۇلار بومباردىمان قىلىنغان كەنتكە كىرگەندە، كەنتىتىكىلەر بۇ خگۋەرنى ئۇلارغا يەتكۈزگەن.