شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كابۇل، 6 - ماي تېلېگراممىسى: ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئىشلىرى ئىشخانىسى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئافغانىستاندىكى 34 ئۆلكىدىن 10 ئۆلكىنى ئاخشام كەلكۈن باستى، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن خەلقئارا ياردەم بېرىش ئىتتىپاقى بۈگۈن ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە يەتكۈزۈپ بەردى.
ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى بۈگۈن مۇنداق دېدى: ئۇدا ئىككى ھەپتە ياغان قارا يامغۇر ئاخىرى كەلكۈن ئاپىتىنى پەيدا قىلدى، كۈلكۈن ھازىرغىچە 30 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى، 2100 دىن ئوشۇق ئۆينى ئۆرۈۋەتتى .