لىۋىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە 500 ئادەم قازا قىلدى

62 2009-04-01 11:38:51   ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى   ئەقىدە
T|T:خەت رەزمىرى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تىرىپولى، 31 - مارت تېلېگراممىسى: لىۋىيىدىكى بىر ئەمەلدار بۈگۈن مۇنداق دېدى: ئۆتكەن ئىككى كۈندە شىمالىي ئافرىقىدىن ياۋروپا قىتئەسىگە كېتىۋاتقان قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئولتۇرغان ئىككى پاراخوت لىۋىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە چۆكۈپ كەتتى، بۇ ۋەقەدە قازا قىلغانلار 500 گە يەتتى.

  بۇ ئەمەلدار يەنە مۇنداق دېدى: ئۇلار چۈشكەن پاراخوت ئوتتۇرا دېڭىزدىن ئىتالىيىگە كېتىۋاتقاندا كۈچلۈك دېڭىز بورىنىغا ئۇچرىغان. بۇنداق كۆچمەنلەر ئەتكەسچىلەرگە نۇرغۇن پۇل ۋە مال بېرىدۇ، لېكىن ئەتكەسچىلەر بۇلارنى ھەمىشە دېڭىزغا تاشلىۋېتىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博