شىنخۇا ئاگېنتلىقى،لوندون،29-مارت تېلېگراممىسى: تۈركىيە ئوڭ قاناتلار ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى يارچىن بۈگۈن مۇنداق دېدى: پارتىيىمىزنىڭ رەئىسى مۆكسىن ۋە باشقا بەش ئەمەلدارى ئولتۇرغان تىك ئۇچار ئايروپىلان تۈركىيىنىڭ جەنۇبىدا چۈشۈپ كەتتى، ئايروپىلاندىكىلەر بەختكە قارشى قازا قىلدى.
بۇ تىك ئۇچار ئايروپىلان 25-مارت كافرامانماراش ئۆلكىسىنىڭ تاغلىق رايونىغا چۈشۈپ كەتكەن، شۇ چاغدا يېغىۋاتقان قاتتىق قار ۋە قۇيۇق تۇمان ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كىتىشىگە سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن.