شىنخۇا ئاگېنتلىقى،باغداد،24-مارت تېلېگراممىسى: ئىراق ساقچى دائىرىلىرىنىڭ باياناتچىسى بۈگۈن مۇنداق دېدى: باغدادنىڭ شىمالىدىكى دىيالا ئۆلكىسىدە بولغان بىر مېيىت نامىزىدا تۈنۈگۈن بىرەيلەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىپ، ئاز بولغاندىمۇ 25 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى، 45 ئادەمنى يارىلاندۇردى.
بۇ باياناتچى يەنە مۇنداق دېدى: بۇ ۋەقە باغدادنىڭ شەرقىي شىمالىدىن 140 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر كىچىك بازاردا يۈز بەردى، شۇ چاغدا ئىراقنىڭ زۇڭتۇڭى تالىبانى رەھبەرلىكىدىكى كۇردىستان ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىتتىپاقىنىڭ شۇ يەردىكى رەھبىرى خۇدادايى بىر تۇغقىنىنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۋاتقانىكەن.