شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شياڭگاڭ، 16 - مارت تېلېگراممسىى: شياڭگاڭدىكى « ئادالەت گېزىتى » تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: كىشىلەر « ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىنى 30 ياشتىن كېيىن چېكىنىشكە باشلايدۇ » دېيىشىدۇ، بىراق ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئىنساننىڭ چوڭ مېڭىسى 22 ياشتا ئەڭ ئۆتكۈر باسقۇچقا كىرىدىكەن، ئەقلىي خۇلاسە ىقىرىش، تەپەككۇر قىلىش سۈرئىتى ۋە تەسەۋۋۇر قىلىشى 27 ياشتىن باشلاپ تۆۋەنلەشكە باشلايدىكەن. بۇ ئالىملار 2000 ئادەمنى يەتتە يىل تەتقىق قىلغاندىن كېيىن چىقارغان يەكۈن ئىكەن.