گىتلېر ئىلگىرى خانىم- قىزلار بايرىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانىكەن

249 2009-03-10 15:47:23   ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى   ئەقىدە
T|T:خەت رەزمىرى


  شىنخۇا ئاگېنىتلىقى،بېرلىن،9-مارت تېلېگراممىسى: گېرمانىيىنىڭ داڭلىق تارىخ تەتقىقىاتچىسى ماتاشاد خانىم يېقىندا مۇنداق دېدى: ياۋروپادا 1911-يىلى مىليوندىن كۆپ ئادەم تۈرلۈك شەكىلدە خەلقئارا ئەمگەكچى خانىم-قىزلار بايرىمىنى تەبرىكلىگەندىن كېيىن، خەلقئارا ئەمگەكچى خانىم-قىزلار بايرىمى 100يىلغا يېقىن ۋاقىتنى كەينىگە تاشلىدى، ئەمما خۇددى ئاياللار ئۆز ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش داۋامىدا توسالغۇلارغا دۇچ كەلگەنگە ئوخشاش، بۇ بايراممۇ ئىلگىرى زور توسقۇنلۇققا دۇچ كەلگەن.


   ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا گىتلېر بۇ بايرامنى مەنئى قىلغان ھەمدە گېرمانىيە كومپارتىيىسىنىڭ ئەزاسى، «2-خەلقئارا» نىڭ قۇرغۇچىسى، «خەلقئارا خانىم-قىزلار ھەرىكىتىنىڭ ئەزاسى» كلارا زېتكىننى كۆزدىن يوقىتىپ،ئاياللارنىڭ ھوقۇقلىرىنى ئىنكار قىلغانىدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر