تۈركىيە تاۋارلىرى كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

12479 2008-09-02 12:02:45   شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورى   ئەقىدە
T|T:خەت رەزمىرى


        1 – سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن تۈركىيە تاۋارلىرى كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە جۇڭگو – تۈركىيە سودا مۇنبىرى شىنجاڭ ‹‹خەلقئارا›› كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

   تۈركىيە دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى كۈرشاد تۈزمېن، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇ ۋېي ، دۆلەت سودا مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى فاڭ ئەيچىڭ پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

   تۈركىيە تاۋارلىرى كۆرگەزمىسىنى دۆلەت سودا مىنىستىرلىكى بىلەن تۈركىيە تاشقى سودا مەھكىمىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە تۈركىيە ھۆكۈمىتى  100 نەچچە  كىشىلىك سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قاتناشتۇردى. يەرمەنكىدە چەت ئەللىكلەر سېتىۋالغان 100 يايما ئورنىنىڭ 84 ىنى تۈركىيە سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىگىلىدى.

دۆلەت سودا مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى فاڭ ئەيچىڭ تۈركىيە تاۋارلىرى كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇ ۋېي تۈركىيە تاۋارلىرى كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى كۈرشاد تۈزمېن تەبرىك سۆزى قىلدى

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر