سىچۇەننىڭ پەنجىخۇا شەھىرىدە يەر تەۋرەپ 32 ئادەم قازا قىلدى

50592008-09-01 17:10:47   شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورى   ئەقىدە
T|T:خەت رەزمىرى

  ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى خارابە ئىچىدىن ئىككى كىشىنىڭ جەسىتىنى كولاپ چىقتى

     30 – ئاۋغۇست، سىچۇەن ئۆلكىسى پەنجىخۇا شەھىرىنىڭ رېنخې رايونى بىلەن لىياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خۈيلى ناھىيىسى چېگرىلاشقان ئورۇندا 6.1 بال يەر تەۋرىدى. سىچۈەن ئوت ئۆچۈرۈش قىسمى ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ ، ئەڭ تېز سۈرئەت بىلەن يەر تەۋرىگەن جايغا يېتىپ باردى ۋە 20 گە يېقىن يېزا ، بازاردىكى قاپسىلىپ قالغان ئاممىنى قۇتقۇزۇپ ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلىدى.

        سىچۈەن ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى ۋە يۈننەن ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە سىچۈەن، يۈننەن ئىككى ئۆلكىدىكى 800 مىڭدىن ئارتۇق ئامما ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان؛ 32 ئادەم قازا قىلغان(سىچۈەن ئۆلكىسىدىن 27 ئادەم ، يۈننەن ئۆلكىسىدىن بەش ئادەم)؛ 467 ئادەم يارىلانغان؛ 152 مىڭ ئادەم بىخەتەر جايغا جىددى كۆچۈرۈلگەن ؛ 258 مىڭ ئېغىز خۇسۇسىي ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ؛ چېڭدۇ – كۇنمىڭ تۆمۈر يولىدا قاتناش بىر قېتىم ئۈزۈلۈپ قالغان؛ پەنجىخۇا شەھىرىدىكى چوڭ تىپتىكى كۆۋرۈكتىن ئۈچى زىيانغا ئۇچرىغان؛ لىياڭشەن ئوبلاستىدىكى سۇ ئامبىرىدىن ئۈچى يېرىلىپ كەتكەن؛ ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى بىر قىسىم ئاساسىي ئەسلىھەلەر ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان.

     ئىگىلىنىشىچە ، 31 – ئاۋغۇست سائەت 23 كىچە، سىچۈەن ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى پەنجىخۇا شەھىرىگە 1500 چېدىر ئەۋەتكەن، 1 – سېنتەبىر يەنە پەنجىخۇا شەھىرىگە 10 مىڭ پاختىلىق يوتقان، لىياڭشەن ئوبلاستىغا 5000 چېدىر ۋە 10 مىڭ پاختىلىق يوتقان ئەۋەتىدىكەن؛ يۈننەن ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلارغا  3200 چېدىر ۋە 3000 پاختىلىق يوتقان ئەۋەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر