جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش دېلوسىغا ھەمكارلاشقانلارغا 5000 فوندستىرلىڭ مۇكاپات بېرىلىدۇ

560 2008-08-23 16:17:16   باس - باس تورى   ئەقىدە
T|T:خەت رەزمىرى

   شۇ جاي ۋاقتى 22-ئاۋغۇست كۈنى ، نېۋكاستىلدا يۈز بەرگەن « جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش دېلوسى »نى تەكشۈرۈۋاتقان ئەنگىلىيە ساقچىلىرى بۇ دېلوغا مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچى تەمىنلىگۈچىلەرگە 5000 فوندستىرلىڭ مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

   مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنى ، نېۋكاستېل ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى ياڭ جېنشىڭ ۋە سۆيگۈنى جوۋ شى نېۋكاستېلدىكى تۇرالغۇسىدا ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلگەن . بۇ دېلوغا مەسئۇل ساقچى ئەمەلدارى سىتىف ۋېد مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى : « نېۋكاستېل ۋە پۈتكۈل ئەنگىلىيەدىكى جۇڭگولۇقلار رايونلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ياردىمىگە مۇھتاجمىز » . يىغىندا ساقچى تەرەپ بۇ دېلوغا مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچى تەمىنلىگۈچىلەرگە 5000 فوندستىرلىڭ مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە يىپ ئۇچى تەمىنلىگۈچىلەرگە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن خەنزۇچە ئورتاق تىل ۋە گۇاڭدۇڭ تىلى تېلېفۇن قىزىق لىنىيىسى ۋە ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى تەسىس قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى .

   يىغىندا ئېيتىلىشىچە ، ساقچى تەرەپتىن چىقىرىلغان قانۇن دوختۇرلىرى قاتىللىق نەق مەيدانىنى ۋە ئەتراپتىكى نەرسىلەرنى تەكشۈرۈپ دوكلات يوللىغان . ساقچىلار ئەتراپتىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ قوللىشى ئاستىدا كۆپ تەرەپلىك ئىزدەش سىستېمىسى ۋە يېپىق يوللۇق تېلېۋىزىيە سىستېمىسى ئارقىلىق جىنايەت گۇماندارىنى ئىزدىمەكتە .

   بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تور قىمارۋازلىقى ۋە يالغان دىپلوم ياساش قىلمىشلىرىنى ئېلىپ بارغان ، ئەمما ساقچى ئەمەلدارى ۋېد زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ يۇقىرىقى قانۇنسىز قىلمىشلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى .

   زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىلگىرى جۇڭگو ئوقۇغۇچىلار تور پونكىتىدا قۇرۇق ئۆينى ئىجارىگە بېرىش ئېلانى چىقارغان ، 8-ئاينىڭ باشلىرىدا بىر ئەر بۇ ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ بىر ئېغىز ئۆيىنى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرغان ، ساقچىلار ھازىر ئېلان چىقىرىلغان تور پونكىتىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ، بۇ ئەرنىڭ تور پونكىتتىكى ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنى ئىزدىمەكتە .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博