ئىراقنىڭ قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش ماھىرى دەنا ھۆسەيىن
بۇ يىل 7-ئايدا خەلقئارا ئولېمپىك كومىتېتى بىلەن ئىراق ھۆكۈمىتى كېلىشىم ھاسىل قىلىپ ، ئىراق تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ بېيجىڭ ئولېمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلدى . ئەمما ، ئىراق كوماندىسىغا بېرىلگەن مەبلەغ ئاز بولغانلىقتىن ، ئىراقلىق ماھىرلار تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىغا تايىنىپ ھەل قىلدى . جۈملىدىن ، مۇسابىقىگە قاتناشقان تۆت ماھىر قاتارىدىكى قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش تەنھەرىكەتچىسى دەنا ھۆسەيىن ( ئايال ) نىمكەش ئايىغىنى كىيىپ مۇسابىقىگە چۈشتى .
دەنا نىمكەش بازاردىن سېتىۋالغان كونا ئاياغ
ئۇ مۇنداق دەيدۇ : « مەن بۇ بىرجۈپ يۈگۈرۈش ئايىغىنى ئىئوردانىيىدىكى بىر نىمكەش بازاردىن سېتىۋالغان . ئاياغنىڭ يۈزى ئاز - تولا كونىراپ يىرتىلىپ كەتكەن بولسىمۇ ، ئەمما كىيگەندە راھەت ھېس قىلدىم ، سۈپىتىمۇ خېلى يامان ئەمەسكەن . ئىراقتا ئىشلەنگەن يۈگۈرۈش ئاياغلىرىنىڭ سۈپىتى پەقەت ياخشى ئەمەس ، بىر ھەپتىگە پايلىمايدۇ ، سىرتتىن كىرگۈزگەن ئاياغلار بولسا بەك قىممەت ، شۇڭا ئامالسىزلىقتىن مۇشۇ نىمكەش ئاياغنى كىيىپ مۇسابىقىگە قاتناشماقچىمەن » .
دەنا نىمكەش بازاردىن سېتىۋالغان كونا ئاياغنىڭ يىرتىلىپ كەتكەن جايى
ئولېمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان بىر تەنھەرىكەتچىنىڭ ئىقتىسادى يار بەرمىگەنلىكتىن نىمكەش ئاياغ كىيىپ مۇسابىقىگە چۈشۈشى باشقا دۆلەت ماھىرلىرىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان . ئەمما دەنا ھۆسەيىن بۇنىڭغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەي : « مەن ئەلۋەتتە يېپيېڭى ئاياغ كىيىشنى ئارزۇ قىلىمەن ، ئەمما مەن ھازىر بېيجىڭغا كېلىپ ئولېمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا مۇيەسسەر بولالىدىم ، ماڭا مۇشۇ كۇپايە » دېگەن .
بۇ يىل 22 ياشقا كىرگەن دەنا 2003-يىلىدىن باشلاپ ، يېنىك ئاتلېتكا تۈرلىرىدىن 100 مېتىر ۋە 200 مېتىر ئارىلىققا يۈگۈرۈش بويىچە مەشىق قىلىپ كەلگەن . ئۇ تاللاش مۇسابىقىسىدىكى كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىپادىسى ئارقىلىق بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولېمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى . ئۇ مۇنداق دەيدۇ : « مەن يۈگۈرۈش تۈرى بويىچە مەشىققە قاتناشقان بىرىنچى كۈندىن باشلاپ ، ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئارزۇيۇم ئۈچۈن تىرىشىپ كەلدىم . مانا ئەمدى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى مېنىڭ بۇ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ . مەن بۇنىڭدىن بەك خۇشھال » .
بۇ يىل 5-ئايدا ، ئىراق ھۆكۈمىتى ئادەم سانىنىڭ ئازلىقىنى سەۋەب قىلىپ ، ئىراق ئولېمپىك كومىتېتىنى بىكار قىلىۋەتكەن . 6-ئاينىڭ 4-كۈنى خەلقئارا ئولېمپىك كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى ئىراق ھۆكۈمىتىنى ئۆز دۆلىتىنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىغا سىياسىي نۇقتىدىن ئارىلاشتى دەپ قاراپ ، ئىراقنىڭ ئولېمپىكقا قاتنىشىشىنى ۋاقىتلىق چەكلىدى . بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان دەنا ھۆسەيىن ئۆزىنى ئۆيگە سولىۋېلىپ ، ئۈچ سائەت يىغلىغان . شۇ چاغدا ئۇنىڭ مەشقاۋۇلى ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ ، ئۇنىڭ تېخى ياش ئىكەنلىكىنى ، 2012-يىلى لوندوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولېمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش پۇرسىتى بارلىقىنى ئېيتقان . بەختىگە يارىشا ، بۇ يىل 7-ئاينىڭ 29-كۈنى خەلقئارا ئولېمپىك كومىتېتى بىلەن ئىراق ھۆكۈمىتى كېلىشىم ھاسىل قىلىپ ، ئىراقلىق تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ ئولېمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىندى .