تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقان شىنجاڭلىق بوكس ماھىرلىرى بېيجىڭ ئىشچىلار تەنتەربىيە سارىيىدا مۇسابىقىگە چۈشتى، 64 كېلوگراملىق بويىچە مەيدانغا چۈشىدىغان بوكس ماھىرى مەمەتتۇرسۇن چوڭ ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك روسىيىلىك بوكس ماھىرى گېننادىي كۋالوۋغا ئۇتتۇرۇپ قويدى، مۇسابىقىدىن كېيىن، مەملىكەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى رادىئو ئىتتىپاقىنىڭ مۇخبىرى سۈن ۋېي ئۇنى زىيارەت قىلدى.
مەمەتتۇرسۇن چوڭ مۇسابىقىدىن كېيىن مۇخبىرغا مۇسابىقىدە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلىقىدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىدىغان بىلدۈردى. مۇخبىر ئۇنىڭدىن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە تېخنىكىڭىزنى جارى قىلدۇرۇشىڭىزدىن رازىمۇ؟ دەپ سورىغاندا، مەمەتتۇرسۇن چوڭ مۇنداق دېدى: مېنىڭچە تېخنىكامنى جارى قىلدۇردۇم دېيەلەيمەن، لېكىن قارشى تەرەپنى يېڭەلمىدىم، بەك نېمىشقىكىن بەكلا جىددىيلىشىپ كەتتىم، ترېنېرىم ئۆزەڭنى قويۇۋېتىپ ئۇر دېگەن بولسىمۇ، لېكىن سۈرئىتىم رەقىبىمدىن ئاستا بولغاچقا، نېمە ئامال دەيسىز، يەنىلا تېخنىكام يەتمىدى.
ئارقىدىن مەمەتتۇرسۇن چوڭ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدىكى ساۋاقنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇسابىقىلەردە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈن قايتىپ بېرىپلا تەجرىبە- ساۋاقلارنى يەكۈنلەيمەن، قەيەردە كەتكۈزۈپ قويدۇم، مەسىلىنى تېپىپ چىقىمەن، ماڭا يەنە نۇرغۇن پۇرسەت بار، ئەمدى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا پۇختا تەييارلىق قىلىمەن، ياخشى مەشىق قىلىپ، رەقىبىمنى چوقۇم يېڭىمەن.