تۈنۈگۈن بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ سۇ ئۈزۈش مۇسابىقىسى دۆلەت سۇ ئۈزۈش مەركىزى---"سۇ سارىيى" دا داۋاملىق ئۆتكۈزۈلدى. ئېلىمىز ماھىرى ليۇ زىگې ئاياللارنىڭ 200 مېتىرغا كېپىنەكچىلەپ سۇ ئۈزۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، 2 مىنۇت 4 سىكونت 18 دەقىقىلىق نەتىجە بىلەن دۇنيا يېڭى رېكورتىنى ياراتتى ھەمدە چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.