شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 13 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن 13 – ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن، ئو ت م نى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭ مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى سەنئەت كۆرگەزمىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ‹‹گېسار تاڭكا رەسىملىرى كۆرگەزمىسى››نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
كۆرگەزمىخانىدا 260 دىن ئارتۇق كۆركەم، رەڭدار گېسار تېمىسىدىكى تاڭكا رەسىمى، 80 دىن ئارتۇق سۈرەت، سىزمىلار ۋە 50 نەچچە بۇيۇم قويۇلغان بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان، دۆلەتنىڭ گېسار ئېپوسىنى قۇتقۇزۇش، قوغداش جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئىنكاس قىلىنغان.
جيا چىڭلىن يەنە نەق مەيداندا رەسىم سىزىۋاتقان رەسسامنىڭ يېنىغا كېلىپ، تاڭكا رەسىملىرىنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانىنى تەپسىلىي سورىدى ھەم غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى، سىچۇەن ئۆلكىسى دېگې ناھىيىسىدىن كەلگەن گېسارچى سەنئەتكار بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلەشتى، شىزاڭ ناخشا – ئۇسۇلى ۋە گېسارچى سەنئەتكارنىڭ نومۇرلىرىدىن سۆيۈندى.
جيا چىڭلىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ‹‹گېسار تاڭكا رەسىملىرى كۆرگەزمىسى››نىڭ ئو ت م مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلۈشى مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىۋاتقان گۈزەل مەنزىرىنى، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئو ت م غا تەلپۈنۈش ئورتاق ئارزۇسىنى، شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىنكاس قىلىدىغان بولۇپ، بۇ مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئىنتايىن ياخشى قوغدىلىۋاتقانلىقىنىڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىتى. ھازىر، بەزىلەر بىزنى شىزاڭ مەدەنىيىتىنى يوقۇتۇۋەتتى، دېيىشمەكتە، يوقىتىلدىمۇ ياكى ۋارىسلىق قىلىندىمۇ، راۋاجلاندۇرۇلۇپ، گۈللەندۈرۈلدىمۇ، بۇنىڭغا ئەمەلىيەت ئارقىلىق بىر نېمە دېيىش كېرەك. ئو ت م ھارپىسىدا، پۈتكۈل جەمئىيەتكە شۇنداقلا پۈتكۈل دۇنياغا بۇنداق كۆرگەزمىنىڭ نامايان قىلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئو ت م نى كۈتۈۋېلىش ‹‹گېسار تاڭكا رەسىملىرى كۆرگەزمىسى››نى جۇڭگو شىزاڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش جەمئىيىتى ۋە سىچۈەن گەنزى زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، 2008 – يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مەدەنىيەت بايرىمىدىكى مەدەنىيەت تۈرلىرىنىڭ بىرى.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...