شى جىنپىڭ بېيجىڭ ئو ت م نىڭ مۇلازىمەت مەيدانلىرى ۋە مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى

66092008-07-22 13:23:32   شىنجاڭ رادىئو خەۋەرلەر تورى   admin
T|T:خەت رەزمىرى

شى جىنپىڭ روھلاندۇرۇش دورىلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش مەركىزىدە خىزمەتچىلەر بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە

      شىنخۇا تورى بېيجىڭ 21 – ئىيۇل تېلېگراممىسى : ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى ، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ 21 – ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ، بېيجىڭ ئو ت م نىڭ مۇلازىمەت مەيدانلىرى ۋە مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى .

     ئۇ بېيجىڭ ئولىمپىكنىڭ مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ، ھەر قايسى ۋاستىلەرنىڭ مۇلازىمەت قىلىش ئەھۋالى ۋە روھلاندۇرۇش دورىلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق دېدى : بېيجىڭ ئولىمپىكنىڭ ئامانلىق ، بىخەتەرلىكى ، ۋاستىلەر مۇلازىمىتى ۋە روھلاندۇرۇش دورىلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئەسلىھەلىرى خەلقئارالىق ئىلغار سەۋىيىگە يەتكەن بولۇپ ، ھەر تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلدى . مەن پارتىيە  مەركىزى ، گوۋويۈەنگە ۋاكالىتەن ، ئولىمپىكنىڭ ئامانلىق ، بىخەتەرلىكى ، ئاخبارات تەشۋىقاتى بىلەن ۋاستىلەر مۇلازىمى ۋە روھلاندۇرۇش دورىلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەييارلىق خىزمەتلىرىگە جاپالىق ئەجر سىڭدۈرۈپ ، تۆھپە قوشقان يولداشلارغا مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن . 

شى جىنپىڭ ئولىمپىكنىڭ ئامانلىقى ، بىخەتەرلىكىنى قوغداش قوماندانلىق مەركىزىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرمەكتە

شى جىنپىڭ ئو ت م ئاساسلىق ئاخبارات مەركىزىدە بېنىندىن كەلگەن پىدائىيلەر بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر