شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 27 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. ‹‹خەلق گېزىتى››نىڭ 27 – ئاپرېلدىكى سانىدا خې جېنخۇا يازغان ‹‹ۋەتەننى پارچىلاش قىلمىشى مۇقەررەر مەغلۇپ بولىدۇ›› سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىندى، تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:
دالاي گۇرۇھى ئەزەلدىن ‹‹يېزىق ئويۇنى›› ئويناشقا ئۇستا، ئۇلار كۆتۈرۈپ چىققان تۈرلۈك ئۇقۇملار ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ ‹‹كۆزىنى ئالاچەكمەن قىلىدۇ››.
‹‹ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسى››، ‹‹دىنىي ئەركىنلىك››، ‹‹مىللىي توقۇنۇش››، ‹‹مەدەنىيەتنى يوقىتىش›› ... مانا بۇ ئۇقۇملار ئاتالمىش ‹‹شىزاڭ مەسىلىسى››نى داۋراڭ بىلەن روياپقا چىقارغان. ‹‹شىزاڭ مەسىلىسى››نى ھەل قىلىش توغرىسىدا ئۇلار يەنە ‹‹بەش پىلان››، ‹‹يەتتە يېڭى تەكلىپ››، ‹‹مۆتىدىل يول››، ‹‹يۈكسەك ئاپتونومىيە›› قاتارلىق خىلمۇ خىل ‹‹رېتسېپ›› لارنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇلار ھەقىقەتەنمۇ ئاڭلىغان كىشىنى گاڭگىرىتىپ قويىدۇ، بىراق، ئەستايىدىل دەڭسەپ كۆرىدىغان بولساق، نىقابنىڭ كەينىدە ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› دېگەن ئاچقۇچلۇق سۆزنىڭلا بارلىقىنى بايقايمىز.
يېرىم ئەسىردىن بۇيان، مەيلى سەرگەردان ھۆكۈمەت قۇرۇشتا ياكى توپىلاڭچى قۇراللىق كۈچلەرنى تەشكىللەشتە بولسۇن، مەيلى پىتنە – ئىغۋا تېرىپ بوھتان چاپلاشتا ياكى زوراۋانلىق ۋەقەسىنى پىلانلاشتا بولسۇن، دالاي گۇرۇھى ۋەتەننى پارچىلاش غەرىزىدىن زادى ۋاز كېچىپ باقمىدى. ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› دىن ئىبارەت ماھىيىتى باشتىن – ئاخىر ئۆزگەرمىگەن ‹‹كونتېكست›› شارائىتىدا، تۈرلۈك كونا ئۇقۇملارنىڭ چىقىرىپ تاشلىنىپ، يېڭىلىرىنىڭ يارىتىلغانلىقى، دالاي گۇرۇھىنىڭ ۋەزىيەتكە بېقىپ ئۆزگەرتكەن تاكتىكىسىلا خالاس.
دالاي گۇرۇھىنىڭ ‹‹شىزاڭنى مۇستەقىل قىلىش تارىخى››نى ۋاراقلاپ كۆرىدىغان بولساق، ئۇنىڭ ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى››نى كۆزلىشىنىڭ باش – ئايىغىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز.
دالاي گۇرۇھى 1959 – يىلى ئاسىيلىق قىلىپ قېچىپ ئۇزاق ئۆتمەي ھىندىستاندىكى مۇسسوتسىدا: ‹‹شىزاڭ ئىلگىرى ئەمەلىيەتتە ئىزچىل مۇستەقىل بولۇپ كەلگەن››، دەپ جاكارلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن 1977 – يىلىغىچە ئۇلار مۇشۇ مەيدانىدا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ‹‹شىزاڭ تارىخ ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە مۇستەقىل دۆلەت››، دەپ تەكىتلەپ كەلدى.
20 – ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرىدىن 80 – يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، دالاي ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى تاكتىكىسىنى تەڭشەشكە مەجبۇر بولۇپ، ئۈنىنى پەسەيتىپ، ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقىدىن ۋاز كېچىشنى خالايدىغانلىقى››نى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىلدۈرۈپ، ئاتالمىش ‹‹ئارىلىقتىكى يول››، ‹‹زاڭزۇلار چوڭ رايونى›› ۋە ‹‹يۈكسەك ئاپتونومىيە››دېگەننى كۆتۈرۈپ چىقتى.
ئازراق مۇھاكىمە قىلساقلا شۇنى بايقىيالايمىزكى، دالاي گۇرۇھى جار سالغان ‹‹ئارىلىقتىكى يول››نىڭ مەزمۇنى ۋە ماھىيىتى ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى››دىن ئىبارەت. دالاي گۇرۇھى تەلەپ قىلغان ‹‹مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شىزاڭدا ئەسكەر تۇرغۇزۇشىغا بولمايدۇ، شىزاڭ باشقا دۆلەتلەر ياكى خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ساقلىسا بولىدۇ›› دېگەننى ئېلىپ ئېيتساق، ھەممىگە مەلۇمكى، ئەگەر بىر دۆلەتنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئۆز تېررىتورىيىسىدە ئەسكەر تۇرغۇزالمىسا، باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى بىر يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ چەت ئەل ھۆكۈمىتى ياكى خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ساقلىشىغا رۇخسەت قىلسا، ئىگىلىك ھوقۇقى دېگەندىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ھەتتا دالاي گۇرۇھى چىقىرىدىغان ‹‹شىزاڭ ژۇرنىلى››نىڭ مۇھەررىرى دۈنجۇ سىرېنمۇ: بۇنىڭ شىزاڭ مۇستەقىللىقى بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق، دەپ ئېتىراپ قىلغان.
بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاتالمىش ‹‹ئارىلىقتىكى يول›› ماھىيەتتە شىزاڭنىڭ جۇڭگوغا تەۋە بولۇشتەك قانۇنىي ئورنىنى ئۆزگەرتىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىزاڭغا يۈرگۈزگەن ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئىنكار قىلىشتۇر. ئاشكارا مۇستەقىللىقنى تەرغىب قىلىشنى شەكلى ئۆزگەرگەن مۇستەقىللىققە ئۆزگەرتىش، بىر يولىلا ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇستەقىللىقنى قەدەم – باسقۇچلۇق ھالدا ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۆزگەرتىشتىن دالاي گۇرۇھىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىنىڭ شىزاڭنى جۇڭگودىن ئايرىپ چىقىش ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ.
شىزاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، بۇ زاڭزۇ قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل مەملىكەت خەلقى ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلغان پاكىت. دالاي گۇرۇھىنىڭ ئاتالمىش ‹‹شىزاڭ مەسىلىسى›› ھەققىدە قانداق ئويۇن ئوينىشىدىن قەتئىينەزەر، دۇنيادا ئەزەلدىن بىرەر دۆلەت ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى››نى ئاشكارا ئېتىراپ قىلىپ باقمىدى. ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› كويىدا بولۇشقا يول قويۇلمايدۇ، شەكلى ئۆزگەرگەن ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› كويىدا بولۇشقىمۇ يول قويۇلمايدۇ. چۈنكى ‹‹شىزاڭ مەسىلىسى››نىڭ ئەجەللىك يېرى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدۇر. دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ھەر بىر ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتنىڭ مۇقەددەس ھوقۇقى شۇنداقلا خەلقئارا قانۇندىكى تۈپ پرىنسىپ.
ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە تالاش – تارتىش قىلىشقا ئورۇن يوق، جۇڭگونى پارچىلاش قىلمىشى مۇقەررەر مەغلۇپ بولىدۇ. ئەينى يىللىرى كەمبەغەل ۋە ئاجىز كونا جۇڭگودىمۇ جاھانگىرلار شىزاڭنى جۇڭگودىن ئايرىۋېتەلمىگەنىدى؛ ھازىر كۈنسايىن قۇدرەت تېپىۋاتقان سوتسىيالىستىك جۇڭگودا ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› سۇيىقەستىنىڭ ئىشقا ئېشىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى، بۇ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يوقالماسلىقىنىڭ سىرى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئىجتىمائىي پسىخىكىسى، ئەخلاق قارىشى ۋە مىللىي روھى. جۇڭگو خەلقى ئەزەلدىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشنى ئۆزىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ۋە يۈكسەك بۇرچى قىلىپ كەلدى. ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى››گە دۇچ كەلگەندە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى، خەلقى ۋە چەت ئەلدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرىنىڭ مىسلىسىز تۈردە بىردەك ئىتتىپاقلىشالىشىدىكى سەۋەب ‹‹مىللەتنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرغانلار مىللىي قەھرىمان؛ مىللەتلەرنىڭ بۆلۈنۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار تارىخنىڭ گۇناھكارى›› دەيدىغان نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان شەكىللەنگەن ئورتاق تونۇشنىڭ بولغانلىقىدا.