نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> مەملىكەت خەۋەرلىرى >> بېيجىڭ –شاڭخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قۇرۇلۇش باشلاندى

بېيجىڭ –شاڭخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قۇرۇلۇش باشلاندى

2008-04-23 11:59:43  يازغۇچى:admin  كىلىش مەنبەسى:شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورى  كۆرۈش سانى:23   خەت ھالىتى:[چوڭ ] [ئوتتورا] [كىچىك]
قىسقىچە مەزمۇنى: ۋېن جياباۋ قۇرۇلۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىغا ئۇل سالدى ۋېن جياباۋ مۇراس ...

 ۋېن جياباۋ قۇرۇلۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىغا ئۇل سالدى

ۋېن جياباۋ مۇراسىمدا سۆز قىلماقتا

        شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى. 18 – ئاپرېل ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ بېيجىڭدا بېيجىڭ – شاڭخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ قۇرۇلۇشىنى باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم بېيجىڭ – شاڭخەي تۆمۈر يولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قۇرۇلۇش باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

       داشىڭ رايونىدىكى بېيجىڭ – شاڭخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ بېيجىڭ ‹‹ئالاھىدە چوڭ›› كۆۋرۈكى ئورنىدىكى قۇرۇلۇش باشلاش مۇراسىمىنىڭ نەق مەيدانىدا، جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ سەككىز چوڭ ئايلانما بۇرغىلاش ماشىنىسى بىرلا ۋاقىتتا ئىش باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن بېيجىڭ – شاڭخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ ئون نەچچە يىل تەييارلىق قىلىنغان بۇ مۇھىم قۇرۇلۇشىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە بۈگۈن ئاخىرى قۇرۇلۇش باشلاندى.

ۋېن جياباۋ ئۇل سېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

       بېيجىڭ – شاڭخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىدىن باشلىنىپ، شاڭخەي خۇڭچياۋ ۋوگزالىغا تۇتىشىدۇ، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان بۇ قوش لىنىيىلىك تۆمۈر يولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1318 كىلومېتىر، ئۇ دۇنيا بويىچە لىنىيىسى ئەڭ ئۇزۇن، ئۆلچىمى ئەڭ يۇقىرى بولغان تۆمۈر يول، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى مەبلەغ سېلىش مىقدارى ئەڭ چوڭ بولغان قۇرۇلۇش تۈرى. ئۇ بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، شەندۇڭ، ئەنخۇي، جياڭسۇ، شاڭخەي قاتارلىق يەتتە ئۆلكە، شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ، بوخەي دېڭىزى ۋە چاڭجياڭ دېلتىسىنى ئورىغان ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي رايوننى بىرلەشتۈرىدۇ، لايىھە سۈرئىتى 350 كىلومېتىر، جەمئىي 220 مىليارد 940 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش مۇددىتى بەش يىل ئەتراپىدا بولىدۇ. قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، پويىزغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭدىن شاڭخەيگە بېرىش ئۈچۈن بەش سائەتلا كېتىدۇ.

ۋېن جياباۋ ئىشچىلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى

     ۋېن جياباۋ قۇرۇلۇش باشلاش مۇراسىمىنىڭ ئالدىدا، تۆمۈر يول مىنىستىرلىكى مەسئۇلىنىڭ بېيجىڭ – شاڭخەي تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى. قۇرۇلۇش باشلاش مۇراسىمىدا، ئۇ بېيجىڭ – شاڭخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ۋىۋىسكىسىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى ھەم جۇڭگو تۆمۈر يول قۇرۇلۇش شىركىتىدىكى ئىشچىلار بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭ – شاڭخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىغا ئۇل سالدى. ۋېن جياباۋ يەنە قۇرۇلۇشچىلارنىڭ ئارىسىغا بېرىپ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

       ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ دېجياڭ قۇرۇلۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

تەھرىر:nazar

ئۇلىنىش مەنزىلى: /article/2008/0423/article_687.html

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
 
  • 20 سائەت داۋام قىلغان قۇتقۇزۇش
  • ۋەتەننى پارچىلاش قىلمىشى مۇقەررەر مەغلۇپ بولىدۇ
  • لاسا ‹‹14–مارت››ۋەقەسىدىكى جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ پۇشايمىنى
  • مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ تەستىقىغا ئاساسەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ‹‹ئارمىيىد
  • شىزاڭلىقلار پات ئارىدا چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدۇ
  • خەينەندە ئۆلكە قۇرۇلغانلىقىنىڭ، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 20يىللىقى داغدۇغىلىق
  • ‹‹شىزاڭنى ئازاد قىلىش تارىخى››ناملىق كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇر
  • قانۇن–بەلگىلىمىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان شەخسلەر ۋە لەۋزىدە تۇرماي بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئورۇنل
  • پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش، ترانسپورتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك
  • خۇبېي ئۆلكىسىدە قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىغان ستۇدېنتلار پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇلدى

  • دالاينىڭ‹‹بانكا مەركەز ئاجراتقان پۇلنى تۇتۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن چېقىۋېتىلدى››، دېيىشىنىڭ قىلچە ئاساسى
  • مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ تەستىقىغا ئاساسەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ‹‹ئارمىيىد
  • شىزاڭ خەلقىگە كىم بالايىئاپەت كەلتۈردى؟
  • لاسا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى‹‹14–مارت››زوراۋانلىق جىنايى ۋەقەسىنى پاش قىلىشنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى ئومۇ
  • دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىمىزنىڭ باياناتچىسى‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› بۆلگۈنچى كۈچلىرىنىڭ قىلمىشىنى قاتتى
  • بېيجىڭ –شاڭخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قۇرۇلۇش باشلاندى
  • شىزاڭلىقلار پات ئارىدا چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدۇ