شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لاسا، 27 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. ھەق – ناھەقنى ئايرىماي، دۆلەت ۋە جەمئىيەتكە زىيانلىق ئىشلارنى قىلىپ ساپتىمەن –، دېدى 19 ياشلىق گۇڭساڭلامۇ ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇش ۋەقەسىنى تىلغا ئالغىنىدا پۇشايمان ياشلىرىنى تۇتۇۋالالماي.
قاماقتىكى جىنايەت گۇماندارى گۇڭساڭلامۇ لاسا شەھىرىگە قاراشلىق چيۇشۇي ناھىيىسىنىڭ چابالا يېزىسىدىن بولۇپ، 2005 – يىلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، لاسادا ئىشلەمچىلىك قىلغان. يېرىم يىل ئىلگىرى لاسا شەھىرىنىڭ شىمالىي لىنكو يولىغا جايلاشقان ۋېنجۇ سودا شەھەرچىسىدىكى بىر كىيىم – كېچەك دۇكىنىدا پرىكازچىكلىققا قوبۇل قىلىنىپ، ئېيىغا 1000 يۈەن مائاش ئېلىپ ئىشلىگەن.
لاسا شەھەرلىك قاماقخانىدىكى ساقچىلار تەمىنلىگەن گۇڭساڭلامۇنىڭ ئاغزاكى ئىقرارىغا قارىغاندا، لاسادىكى ‹‹14 – مارت›› ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇشتەك زوراۋانلىق ۋەقەسىدە گۇڭساڭلامۇ يەنە بىر جىنايەت گۇماندارى لامۇ بىلەن لاسادىكى ئوتتۇرا بېيجىڭ يولىغا جايلاشقان ‹‹سەيكاڭ››تۈرلۈك ماللار ماگىزىنىنىڭ ئالدىدىكى ئامانلىق قوغداش قاراۋۇلخانىسىنى تاش بىلەن چاققان، بىر نەچچە جايدىكى ماگىزىنغا ئوت قويغان ۋە تاۋارلارنى بۇلىغان. ئۇ ئومۇمنىڭ ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ مال – مۈلكىنى قەستەن ۋەيران قىلىش جىنايىتى، بۇلاڭچىلىق جىنايىتى، ئوت قويۇش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ج خ ئورگانلىرى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان.
گۇڭساڭلامۇ 27 – ئاپرېل: مېنى يامان كىشىلەر كۈشكۈرتكەن، ئۇلار زاڭزۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە ھەرىكەت قىلىشقا بۇيرۇدى، ئۆزۈمنى باشقۇرالماي، ۋەتەن ۋە ئائىلەمدىكىلەرگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ قويدۇم، دېدى.
جىنايەت گۇماندارى زاشىدوجې: ھازىر بىر ئوبدان تىجارىتىمدىنمۇ قۇرۇق قالدىم، قىلمىشىم جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، بولۇپمۇ بېيجىڭ ئو ت م گە زىيان يەتكۈزدى، بۇنىڭدىن ئىنتايىن پۇشايمان قىلدىم ، دېدى.
بۇ يىل 24 ياشقا كىرگەن زاشدوجې شىزاڭ ئاپتونوم رايونى شەننەن رايونى سومېي ناھىيىسى جېگۇ بازىرىنىڭ زازا كەنتىدىن بولۇپ، ئۇ ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا لاسادىكى ‹‹چۇڭسەيكاڭ›› بازىرىدا سۈت مەھسۇلاتلىرى سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان، ئايلىق كىرىمى 3000يۈەندىن ئاشقان.
زاشىدوجې ‹‹ 14 – مارت›› ۋەقەسى بولغان كۈنى ئۆزىنىڭ ‹‹يامان كىشىلەرنىڭ مەجبۇرلىشى›› بىلەن ‹‹چۇڭسەيكاڭ›› بازىرىدىكى ‹‹گاڭ چيۇڭ چايخانىسى›› ئالدىدا تاۋارلارنى كۆيدۈرگەنلىكى ھەم بىر زىبۇ زىننەت ماگىزىنىنىڭ دېرىزىسىنى تاش ئېتىپ چېقىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بارلىق كىشىلەرگە: بۇنىڭدىن كېيىن، يامان كىشىلەرنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشمەي، دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتىنى چوقۇم قەدىرلەڭلار، دېگۈسى بار ئىكەن.