شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى. ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، دۆلەت چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چۈ ۋەنشياڭ 22 – ئاپرېل مالىيە مىنىستىرلىكى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىكى، ئىقتىسادىي تەپتىش مىنىستىرلىكى، دۆلەت چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن مەملىكەتلىك ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش بازىرىنىڭ سەمىمىيەت سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ، قانۇن - بەلگىلىمىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان شەخس ۋە ۋەدىسىدە تۇرماي بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئورۇنلارنى‹‹قارا تىزىملىك››كە كىرگۈزۈپ، بازار چەكلىمىسىنى يولغا قويۇپ، جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
چۈ ۋەنشياڭ مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈش جەريانىدا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئومۇمىي خىزمەتلىرى ۋە مەركىزىي خىزمەتلىرىگە سىڭدۈرۈشكە؛ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىنى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش ۋە ئالاقىدار ئىقتىسادىي خىزمەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك.
چۈ ۋەنشياڭ مۇنداق دېدى: مەخسۇس تەكشۈرۈش ئۇل خاراكتېرلىك خىزمەت، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاجىز ھالقىلارنى بايقىغىلى، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تېپىپ چىققىلى، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىشنىڭ ئىلمىي باشقۇرۇش مېخانىزمى ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئېلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئاساس سالغىلى بولىدۇ.