5887110 ئاخبارات قىزىق لىنيىسى مۇخبىرى لى جىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاقسۇ شەھىرىنىڭ شياڭگېلىلا مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق خۇاڭ دۇڭشېڭنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بۇلتۇر ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى كۆچمە ئالاقىچىلىك شىركىتى سىگنالنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدىكى ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە ئاساس پونكىت ئانتېنناسى ئورناتقان، خۇاڭ دۇڭشېڭ بۇنىڭدىن نارازى بولۇپ، بىرىنچىدىن شاۋقۇنى ئادەمنى بىزار قىلىدۇ، ئىككىنچىدىن ئېلېكتر ماگنىت رادىئاتسىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدىم، دەپ قارىغان. ‹‹ئاساس پونكىت ئانتېنناسىنىڭ ئۆيۈم بىلەن بولغان ئارىلىقى ئىككى – ئۈچ مېتىرلا كېلىدۇ، مۇشۇنداق مۇھىتتا ئۇزاق ۋاقىت تۇرساق ئەلۋەتتە ئۇنىڭ تەسىرگە ئۇچرايمىز – دە! ››
خۇاڭ دۇڭشېڭ شۇ جايدىكى مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىگە ئەرز قىلغان، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كېلىشتۈرۈشى بىلەن، شاۋقۇن پەسەيتىلگەن بولسىمۇ، ئېلېكتر ماگنىت رادىئاتسىيىسى مەسىلىسى ئىزچىل ھەل بولمىغان، مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى ئۆلچەش ئۈسكۈنىمىز يوق، قانۇننى ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە ئامالىمىز يوق، دېگەن. كۆچمە ئالاقىچىلىك شىركىتىمۇ رادىئاتسىيە مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس، دەپ كاپالەت بەرگەن بولسىمۇ تا ھازىرغىچە مۇھىتنى ئۆلچەش دوكلاتىنى كۆرسەتمىگەن. بۇنداق ئەھۋالدا، خۇاڭ دۇڭشېڭ بۇ قىيىنچىلىقتىن قانداق قۇتۇلۇشنى بىلەلمىگەن.
جاۋاب: ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ‹‹ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى رادىئاتسىيىلىك مۇھىتنى ئاسراش چارىسىنى تۈزدى ھەم توردا ئېلان قىلدى، ئاساسىي پونكىتنىڭ رادىئاتسىيىسىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن – كەتمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان ئورۇن تەكشۈرۈپ ئۆلچەيدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق رادىئاتسىيىلىك مۇھىتنى نازارەت قىلىش پونكىتى بۇ خىل سالاھىيەت ۋە ئىقتىدارنى ھازىرلىغان، خۇاڭ ئەپەندى بۇ ئورۇنغا تەكشۈرۈشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.››
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...