لاسادا يۈز بەرگەن‹‹14–مارت›› ۋەقەسىدىكى 2 –نومۇرلۇق جىنايەت گۇماندارى پىچاق بىلەن ئادەم چانىغانلىقىن

68672008-04-17 11:38:42   شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورى   admin
T|T:خەت رەزمىرى

  
     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لاسا خەۋىرى. لاسادىكى ‹‹14 – مارت›› ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇشتەك ئېغىر زوراۋانلىق ۋەقەگە قاتناشقان گۇڭچيۇ دۇنجۇ زوراۋانلىق قىلغانلىقىنى بوينىغا ئېلىپ، پىچاق بىلەن ئادەم چانىغانلىقىنى ئىقرار قىلدى.

     بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن گۇڭچيۇ دۇنجۇ (راھىبلىق ئىسمى نىساڭ سىرېن، 8 ياشتىن 11 ياشقىچە بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان) شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ چاڭدۇ ۋىلايىتى ماڭكاڭ ناھىيىسىدىن بولۇپ، ئىشسىز. لاسادىكى ‹‹14 – مارت›› ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش، ئوت قويۇشتەك ئېغىر زوراۋانلىق ۋەقەگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن 2 – نومۇرلۇق جىنايەت گۇماندارى، دەپ بېكىتىلگەن. ساقچى دائىرىلىرىلاسادىكى ‹‹شياۋجاۋ››ئىبادەتخانىسىغا يوشۇرۇنۇۋالغان گۇڭچيۇ دۇنجۇنى 6 – ئاپرېل قولغا ئالدى.

     بۇ دېلوغا مەسئۇل ساقچى ۋۇجىن زاشى مۇنداق دېدى: ‹‹گۇڭچيۇ دۇنجۇ جىنايى ئىشلار بويىچە قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، لاسادا يۈز بەرگەن <14 – مارت> ۋەقەسىدىكى جىنايى قىلمىشىنى بوينىغا ئالدى››. مۇخبىر 12 – ئاپرېل گۇڭچيۇ دۇنجۇ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇ 14 – مارت لاسا شەھىرىنىڭ شەرقىي بېيجىڭ يولىدا  يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر خەنزۇ ئەرنى پىچاق بىلەن ئۈچنى چاپقانلىقىنى، ھازىر قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

     ۋۇجىن زاشى مۇخبىرغا گۇڭچيۇ دۇنجۇ ئەينى ۋاقىتتا ئىشلەتكەن 30 سانتىمېتىر كېلىدىغان پىچاقنى كۆرسەتتى، ئەمما ئۈچ قېتىم پىچاق يىگەن ھېلىقى ئەرنىڭ ھازىرغىچە دېرىكى بولمىدى. ۋۇجىن زاشىنىڭ ئېيتىشىچە، گۇڭچيۇ دۇنجۇ 2000 – يىلى چېگرىدىن قانۇنسىز چىقىپ، نېپالدا بىر يېرىم يىل ئەتراپىدا تۇرغانىكەن.

      كىشىلەر سىنئالغۇ لېنتىسىدىن گۇڭچيۇ دۇنجۇنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشىنىڭ بەكلا قەبىھ ئىكەنلىكىنى كۆرگەن. بۇ ۋەقەنىڭ شاھىدى بولغان شەرقىي بېيجىڭ يولىدىكى مەلۇم ئاشخانىنىڭ خوجايىنى ۋاڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: ‹‹14 – مارت چۈشتىن كېيىن، 2 – نومۇرلۇق جىنايەت گۇماندارى گۇڭچيۇ دۇنجۇ پىچاق كۆتۈرگەن پېتى ئالدىغا ئۇچرىغانلىكى ئادەمنى چاپتى، ئەگەر ئۇزۇن چاچلىق بىر زاڭزۇ يىگىت ئۇنى تۇتۇۋالمىغان بولسا، ئۇ تېخىمۇ كۆپ بىگۇناھ كىشىنى چاپاتتى››.
 

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر