ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى سۆھبەت

51942008-04-17 11:32:24   شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورى   admin
T|T:خەت رەزمىرى

      شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 15 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، 11 –  ۋە 15 – ئاپرېل تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى  چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ۋېن جياباۋ مۇنداق تەكىتلىدى: تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ھەم ئۇزاق مەزگىللىك ۋەزىپە، ھەم تەخىرسىز خىزمەت. بىز بۇ ئىسلاھاتنىڭ مۇھىملىقى، مۈشكۈللۈكى، مۇرەككەپلىكىنى چوقۇم تولۇق تونۇپ، ئىلگىرىكى ئىسلاھات تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل خۇلاسىلىگەن ئاساستا ئىلگىرى سۈرۈش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك.

     گوۋۇيۈەننىڭ 2006 – يىلى 20 – ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن دائىمىي يىغىنىدا، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن سەھىيە مىنىستىرلىكى باشلامچىلىق قىلغان، 16 تارماق قاتناشقان تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مىنىستىرلىكلەر ئارا ماسلاشتۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇش قارار قىلىنىپ، تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي تەپەككۇرى ۋە سىياسەت – تەدبىرلەر مۇھاكىمە قىلىندى. بىر يىلدىن كۆپ تىرىشىش ئارقىلىق ‹‹تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر(پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)›› تۈزۈپ چىقىلدى.

     سۆھبەت يىغىنىدا، تېببىي خادىملار ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملاردىن 22 ۋەكىل سۆز قىلدى. كۆپچىلىك كەڭ – كۇشادە سۆزلىشىپ، ئۆز پىكرىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇپ بىردەك: چوڭقۇر تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلىش، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇش، قايتا – قايتا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ‹‹تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر(پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)››دە نىشان ئايدىڭ، تەپەككۇر ئېنىق، سىستېمىلىق، ئەتراپلىق بوپتۇ، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالى تولۇق نەزەرگە ئېلىنىپتۇ، تېببىي دورا، سەھىيە ئىشلىرىدىكى ئاساسىي زىددىيەت توغرا ئىگىلىنىپتۇ، ئۇ پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تەلىپىگە، تېببىي دورا، سەھىيە ئىشلىرىنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، دەپ قارىدى.

     ۋېن جياباۋ كۆپچىللىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇھىم نۇقتىلارنى ۋە ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى تەكلىپ – پىكىرلىرىنى خاتىرىلىۋالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ھەممە كىشى، ھەممە ئائىلىگە چېتىلىدۇ، ئۇنىڭغا ھەممە كىشى، ھەممە ئائىلە كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۇ دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك زور، ئىنتايىن جاپالىق ۋە مۇرەككەپ ئىسلاھات، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بۇنىڭغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. بىز داۋاملىق تىرىشىپ، ‹‹پىكىر›› نوسخىسىنىڭ يۆنىلىشى ۋە نىشانىنىڭ توغرا بولۇشىغا، بېكىتكەن ئاساسىي  پرىنسىپ ۋە ئاساسىي تەدبىرلەرنىڭ ھەقىقىي يولغا قويغىلى بولىدىغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پۇقرالارنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش، تېببىي خادىملارنى رىغبەتلەندۈرۈش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، خادىملارنىڭ مەشغۇلات قىلىشىغا قۇلايلىق بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جامائەت داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنىڭ جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدە چىڭ تۇرۇپ، شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنى قاپلىغان داۋالاش كاپالىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، جامائەت سەھىيە مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر، يېزا داۋالاش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئاساسىي دورا تۈزۈمى ۋە دورا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

 

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر