جۇڭگو چەتئەللەرنىڭ شىزاڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىغا قارشى تۇردى

57412008-03-29 12:05:36   خەلق گىزىتى خەۋىرى   admin
T|T:خەت رەزمىرى

    دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ  باياناتچىسى چىن گاڭ مۇنداق دىدى:جۇڭگو ئالاقىدار دۆلەتلەردىن جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زىمىن پۈتۈنلىكىگە، ھەممە ئىتىراپ قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت مىزانىغا ھۆرمەت قىلىپ،ھەرقانداق شەكىل ۋە ھەر قانداق باھانە بىلەن دالاي ھەمدە ئۇنىڭ گوروھىنىڭ  بۆلگۈنچىلىك ھەركەتلىرىنى قوللىماسلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ. 
  يېقىندا فىرانسىيىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا شىزاڭ مەسىسىلىسىنى ئوتتۇرىغا  قويىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر  تارالدى. چىن گاڭ بۇنىڭغا  قارىتا مۇنداق دىدى: شىزاڭ مەسىلىسى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى،چەتئەللەرنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ھەق-ناھەقنى  پەرق ئېتىپ،چاتاق تېرىغان زوراۋان جىنايەتچى ئونسۇرلارنى ئەيىپلىشىنى  ئۈمۈد قىلىمىز، چۈنكى ئۇلار قانۇن ۋە تەرتىپكە،جەمىيەتنىڭ موقىملىقىغا بۇزغۇنلۇق قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ  تۇرمۇشىغا  خەۋپ  يەتكۈزدى.   
  ئۇ ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بۇ مەسىلىدە قوش  ئۆلچەم قوللانماسلىقىنى، دالاي گورۇھىغا  ھەرقانداق خاتا سىگنال بىرىپ  قويماسلىقىنى مۇراجەت قىلدى. ئۇ مەركىزىي  ھۆكۈمەتنىڭ دالايغا قاراتقان سىياسىتى  ئىزچىل ۋە ئېنىق، دىدى.  

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر