مەملىكەت خەۋەرلىرى

152008-03-19 11:47:51   شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورى   admin
T|T:خەت رەزمىرى

 
      دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى چىنگاڭ 18 – مارت قەرەرلىك ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، مالاۋىي جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى مۇتالىكانىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە ئېلىمىزدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

   ·دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى چىنگاڭ 18 – مارت قەرەرلىك ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ياڭ جېجىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، موڭغۇلىيىنىڭ  دىپلوماتىيە مىنىستىرى سانجاسۇلۇن ئويۇننىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە ئېلىمىزدە رەسمىي زىيارىتىدە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

    ·جۇڭگو ماددىي ئوبوروت ئۇچۇر مەركىزى 18 – مارت ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە: ئېلىمىزدە بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 2 ئېيىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ماتېرىياللارنىڭ سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 16.5 پوئىنت ئۆرلىگەن. 

    ·مەركىزى ھاۋا رايى ئىستانسىسىنىڭ 18 – مارت سەھەردە ئېلان قىلغان كەلگۈسى 3 كۈنلۈك ھاۋارايى مەلۇماتىدىن قارىغاندا، شىمالىي جۇڭگو رايونىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا بورانلىق ھاۋارايى ۋە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش، جەنۇبىي جۇڭگونىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا يامغۇرلۇق ھاۋارايى ھادىسىسى كۆرۈلىدىكەن. غەربىي سىبىرىيىدىن كىرگەن بىر قەدەر كۈچلۈك سوغۇق ئېقىمنىڭ تەسىرىدە، تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن غەربىي- شىمال رايونىنىڭ شەرقىي قىسمى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنىنىڭ شىمالىدىكى كۆپ قىسىم رايونلاردا بورانلىق ھاۋا رايى ۋە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش ھادىسىسى كۆرۈلىدىكەن، غەربىي شىمال رايونىنىڭ شەرقىي قىسمى، ئىچكى موڭغۇل، شەرقىي- شىمال، شىمالىي جۇڭگو، خۇاڭخې، خۇەيخې دەريالىرىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 4 بالدىن 6 بالغىچە قىيپاش شىمال ۋە جەنۇپ شامىلى چىقىدىكەن؛ ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە شەرقىي، جەنۇبىي چېتى رايونلىرىدا، شىمالىي جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسىمى، شەرقىي - شىمال رايونىنىڭ غەربىي جەنۇبىي شۇنىڭدەك جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىدا چاڭ توزانلىق ھاۋارايى ھادىسىسى كۆرۈلىدىكەن؛ سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ ھۇجۇمى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، يۇقارقى رايونلاردا تېمپېراتۇرا 4 سېلىسيە گىرادۇستىن 8 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا شەرقىي قىسمى، شىمالىي جۇڭگونىڭ غەربىي- شىمال قىسمى، شەرقىي- شىمال رايونى قاتارلىق  رايونلارنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا 10 سېلىسيە گىرادۇستىن 14 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، ئايرىم جايلاردا 16 سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەنلەيدىكەن. كەلگۈسى 3 كۈن ئىچىدە شىمالىي جۇڭگو رايونىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا بورانلىق ھاۋا رايى ۋە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش ھادىسىسسى كۆرۈلۈپ، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلەش ۋە چۈشۈش ئەھۋالى بىر قەدەر چوڭ بولىدىكەن.

 

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر