- تىزىملاتقان
- 2011-4-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-3-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1010
- نادىر
- 0
- يازما
- 54
ئۆسۈش
1%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nawayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-9 00:50
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم obzorqi،
سىز بىر كىملەرگە بۆھتان قىلۋاتقاندەك تۇرىسىز. «ئايەت ھەم ھەدىسلەرنى ئۆزگەرتكۈچى ، ئازغۇن ، بىدئەتچى ، دىنى ئەسەبى كۈچ بولغان ۋاھھابىلاردۇر» دىگەن ماۋۇ گېپىڭىزنىڭ ھىسابىنى بېرەلمەي قېلىشىڭىز مۇمكىن. بىر ئالىم، ئايەتنى ئۆزگەرتىش مەقسىدىدە بىرنىمە يازغان بولسا ئۇ دۈشمەن، مۇناپىق بولىدۇ. ئەگەر بىر ئالىم، ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى تۇغرا نىيەت بىلەن شەرھىيەلەش، تەدبىقلاشتا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ نىيىتى تۇغرا بولۇپ، قىسمەن مەىسىلىلەردە خاتا چۈشىنىپ قالغان بولسا ، ئۇنى «ئازغۇن، ئايەتنى ئۆزگەرتكۈچى، ھەدىسنى ئۆزگەرتكۈچى» دەپ سۈپەتلەنمەيدۇ. ئۇ يەنىلا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋىسى بولىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشقا، ھەرقانداق بىر ئادەم شەرىئەتنىڭ بەزى مەسىلىلىىرىنى خاتا تەدبىقلاپ قېلىشتىن خالىي ئەمەس. شۇڭا، ئىختىلاپلىشىپ قالىدىغان مەسىلىلەر مەۋجۇت.
ئەمدى، ۋاھبىيغا كەلسەك، ئۇ كىشى كىتابىدا دىننىڭ گېپىنى قىلغان بولغىيدى؟
شۇڭا، مەن دەيمەن، ئاۋال شۇ كىشىنىڭ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىنى شۇ كىشىدەك چۈشەندىڭىزمۇ يوق؟ بۇنىڭغا دىققەت قىلسىڭىز بولىدۇ.
بىدئەتنىڭ گېپىگە كەلسەك، «دىندا ئەسلى يوق بولغان ئىشلار» دىگەن گەپنىڭ مەنىسى، ئىبادەت تۇغۇرلۇق ئېيتىلغان گەپ بولىدۇ، شۇنداققۇ؟ شۇنداق بولغانكەن دىنىمىزدا ئىبادەتنىڭ شەكلى ۋە بارلىق ئەھكام-ئەركەنلارنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرگە ئۈلگە كۆرسىتىپ ئىجرا قىپ ئۆگەتكەن بولىدۇ. شۇنداققۇ؟
قايسى ئىشلار پەرىز، قايسى ئىشلار ۋاجىب، قايسى ئىشلار سۈننەت؟ قايسى ئىشلار مۇستەھەب بۇلارنىڭ ھۆكۈملىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئۈلگە كۆرسىتىپ بولغان شۇنداققۇ؟
يەنى، دىنمىزدا بار بولغان ئىبادەتنى قانداق چۈشىنىش ، قانداق ئىجرا قىلىشنى كەم قىپ قويماي ئىجرا قىلغان، شۇنداققۇ؟
ئىبادەت ئىشىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەم قىپ قويماى قىلغان بولسا، ئىبادەت ئىشىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام قىلمىغاننى بىز قىلساق تۇغرا قىلغان بولمايمىز شۇنداققۇ؟
چۈنكى، ئىبادەتنىڭ شەكلىدىن تارتىپ، شەرىئەتتىكى بارلىق ئەھكاملار ،ھۆكۈملىرى(يەنى پەرىز، ۋاجىب، سۈننەت، مۇستەھەب، مۇباھ، مەكرۇھ، ھارام قاتارلىقلار)نى پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام ساھابىلەرگە ئۆگەتكەن.
شۇڭا، ئىبادەت تۇغۇرىسىدىكى بىر ئىش ئىسلامغا ئويغۇنمۇ ياكى چەتنەپ كەتتىمۇ؟ دىگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدىن دەلىل ئىزدەيمىز.
ئىبادەتنىڭ شەكلى ۋە مىقدارى ۋە ئادا قىلىش ئۇسۇللىرىنى ھەممىسىدىكى ئۆلچەمنى ئۆگىتىپ بولغان.
شۇ مەنىدىن قارىغاندا، ئىبادەت ئىشىمىزدا بىز يېڭىلىق ياراتمايمىز. يېڭىلىق ياراتساق، يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە قىلمىساق ، دىندا يېڭىدىن ئىش پەيدا قىلغان بولىمىزغۇ؟ شۇنداققۇ؟ بىز دىن ئىشىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارايمىز. قانداق ئۆگەتكەنلىكىگە قارايمىز. دۇنيا تىرىكچىلىك ئىشلىرىدا پەقەت ھالالمۇ ياكى ھارامۇ؟ ياكى مۇباھمۇ؟ مەكرۇھمۇ ياكى مۇستەھەبمۇ؟ مۇشۇ ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلغان ئاساستا قانداق قىلساق بولىۋېرىدۇ. بۇ خىل ئىشلاردا پەيغەمبەر قىلغان -قىلمىغان، ساھابىلەر قىلغان -قىلمىغان دىگەن گەپ يوق. ۋاھابىيمۇ بۇ ئىشلارنى كۆزدە تۇتماي، دىن ئىشىدىكى گەپنى قىلىۋاتقاندۇ؟
شۇنداق بولغاندا، ۋاھابىي «دىندا ئەسلى بولمىغان» دىگەننى قوشمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ دىمەكچى بولغىنى «دىندا ئەسلى بولمىغان » دىگەننى نەزەرگە ئالغان بولىدۇ.
دىن ئىبادەت ئىشىدا پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام قىلمىغان ئىشنى قىلىش يېڭىدىن ئىش پەيدا قىلغانلىق بولۇپ قالىدۇ. بۇنى بىدئەت دەيدۇ.
بىدئەت دىگەن سۆزنى قىلغاندا پەقەت ئىبادەت تۇغۇرسىدىكى ئىشلارنى كۆزدە تۇتىدۇ. پەن-تېخنىكىدىكى ېيڭىلىقلارغا قارىتىلمايدۇ. شۇڭا، مەن ئۇ ۋاھبىينىڭ يۇقۇرىدكى سۆزىنى جۈملە لەبزىنى ئاساس قىلۋالماي، دىمەكچى بولغىنى ئەسلى ئېنىقلىمىغا خىلاپ دەپ قارىمىدم، بەلكى، باشقىچە قىپ ئېيتقان دىندا يېڭىدىن پەيدا قىلغان ئىشلارنى كۆزدە تۇتقان سۆزىكەن دەپلە چۈشەندىم.
شۇڭا، بىدئەت: ئىبادەتتىكى كۆرسەتمىلەرگە قارىتا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەنلىككە قارىتىلىدۇ. كونكىرىت قىلىپ ئېيقاندا، مەسىلەن نامازنى دەيلى، ئۇنىڭ بەلگىلەنگەن رەكئەت سانى، ئادا قىلىش ئۇسۇللىرى قاتارلىق شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىشلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش بىدئەتلىك بولىدۇ؛ ھۆكۈملەرنىڭ دەرىجىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش بىدئەت بولىدۇ. يەنى، ئەسلى مۇباھ ئىشنى سۈننەت دەپ ئۆزگەرتىش، ئەسلى سۈننەت دەرىجىىدكى ئىشنى پەرىز ياكى ۋاجىب دەپ ئۆزگەرتىش دىگەندەك، ھۆكۈم دەرىجىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش بىدئەت بولىدۇ. دىن تىمىسىدا گەپ قىلغاندا «يېڭى پەيدا بولغان» دىگەن گەپنى قىلغاندا شۇ دىندا ئەسلى يوق بولغان ئىشنى پەيدا قىلغان دىمەكچى ئىكەنلىكى ئېنىق.
ئىبادەتنى ئادا قىلىشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلمىغان بويىچە قىلسىڭىز(ھۆكۈمنىڭ دەرىجىسى ۋە شەكىللىرىدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ)، بىدئەت بولار؟
ۋاھابىي بىدئەت ئىشلارنى تۈزىتىپ پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە قىلىشقا چاقىرغان كىشى دەپ ئاڭلىغان. مەسىلەن، مىيىتنى دەپنە قىلىش ئىشلىرىنى دىگەندە، فىقھى ئالىملارنىڭ رەتلىگەن ئەھكاملىرىدىمۇ، قەبرىنى بىزەش، قەبرىگە ئايەت يېزىش، .. قاتارلىق ئىشلارنى ھارام دەپتۇ. لېكىن، كىشىلەر قانداق قىلۋاتىدۇ؟
سىز نەزىرنىڭ گېپىنى تەكرار دەپسىز، نەزىر دىگەن نىمە؟ شەرىئەت قوبۇل قىلىدىغان نەزىر قانداق؟ ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ قىلىۋاتقان نەزىرلىرىدىكى مۇددا ۋە شەكللىرى ھەممىسى ئىسلامغا ئۇيغۇنمۇ؟ نەزىرنىڭ ھۆكۈمى نىمە؟ (پەرىزمۇ؟ ۋاجىبمۇ؟ سۈننەتمۇ؟) دەلىلىڭىز بارمۇ؟ شەرىئەتتە شۇنداق كۆرسەتكەنمۇ؟ كىشىلەر بۇنى ئىبادەت دەپ قىلىۋاتامدۇ؟ ئىبادەتنىڭ قايسى تۈرى بويىچە قىلۋاتىدۇ؟ قايسى كۆرسەتمىنى ئادا قىلغانلىقى ئۈچۈن ساۋاپ ئالىدۇ؟
قۇرئان كەرىمنى نىمە قىلىشقا نازىل قىلغان؟ تىرىكلەر ئۈچۈن مۇھىممۇ؟ ياكى ئۆلگەن كىشىگە ئوقۇپ بېرىش مۇھىممۇ؟ ھازىر كىشىلەر قانداق قىلۋاتىدۇ؟
...
مېنىڭ بىلىشىمچە، ھازىر دۇنيادا بىر مۇنچە ئىسلامىي ئېقىملار بار. ھەر بىرىنىڭ تۇغرا تەدبىقلىغان تەرەپلىرىمۇ ھەم سەل قارىغان تەرەپلىرىمۇ مەۋجۇت بولۇپ، يۈزەكى بىلىملىرىڭىز بىلەن ئالدىراپ ئۇلارنى «ئازغۇن» دەپ سۈپەتلەشكە بولمايدۇ.
باھانى تۇغرا بېرىش ئۈچۈن، تۇغرىسى زادى قانداق؟ دىگەننى ئەتراپلىق بىلىشڭىز شەرت. شۇنداق بولمىغاندا سىز جان تىكىپ قوغداۋاتقانلىرىڭىزدىن بەلكىم ئىسلامغا ئويغۇن بولمىغان ئىشلارمۇ بولىشى مۇمكىن. نىمىنىڭ «قۇرئان ئوقۇش» ئىكەنلىكىنى بىلىشڭىز ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلىشتىكى مەقسەتنى تۇغرا بىلىش ئالدىنقى شەرت. شۇنداق بولمىغاندا، پەقەت شەكىل جەھەتتىن ئوقۇغان بولۇپ، ماھىيەتتە، قۇرئان ئوقۇشنى شەكىل جەھەتتىن دورىغانلىق بولۇپ قالىدۇ. سىزنىڭ «قۇرئان تامام قىلدۇرۇش» دەپ نىمىنى كۆزدە تۇتتىڭىز؟ شەكىل جەھەتتىن تامام قىلىشتىن ئىبارەت شەكىلۋازلىقنى قۇرئان تامام قىلدۇرۇش دەپ قارىدىڭىزمۇ؟ ئىسلام دىنى شۇنداق بۇيرىغان دەپ چۈشەندىڭىزمۇ؟ بەزى ئىنكاسلىرىڭىزدىن قارىغاندا، سىز ئەمدىلا ئىسلام بۇسىغىسىدا تۇرۇپ، ئىسلامنىڭ نىمە ئىكەنلىكى تۇغرىسىدا چۈشەنچىڭىز بەكلا تېيىز ىئكەنلىكنى چىقىپ تۇرۋاتىدۇ.
كېيىنكى ئىنكاسىڭىزدا، شەرىئەت ۋە دۆلەت قانۇنى دىگەن گەپنى بىر يەردە تىلغا ئەپسىز.
شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسى دۆلەت قانۇنىغا زىت كېلىدىغان بەزى ئىشلاردا قايسىسى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىسىز؟ ئىسلام قانداق قىلىشقا بۇيرىغان؟ بۇنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟
مەن قۇرئان كەرىمنى ھەدىسلەرنى ۋە فىقھى ئالىملارنىڭ رەتلىگەن كىتاپلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارمۇ ھەم مۇھىتىمىزىدكى باشقا مۇسۇلمانلارمۇ ئىسلام دىنىنىڭ بەزى شەكىللىرىنىلا قىلۋاتقانلىقى بىلىنىۋاتىدۇ. مۇتلەق كۆپ نىسبەتتىكى مۇسۇلمانلار بىرەر ئىش قىلسا مۇشۇ ئىىشمغا ئاللاھ نىمە دەيدۇ؟ دىگەننى ئويلاشماي قىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، يەنە شۇ نەزىرنىلا دەيلى، ئىسلام نىمە مەقسەتتە قانداق قىلىشقا بۇيرىغان؟ دىگەننى ئويلاشتىنمۇ كۆرە، نەزىر قىلمىساق خەق نىمە دەيدۇ؟ دىگەننى ئالدىن ئويلىشىدىكەن(مەن بىلىدىغانلار شۇنداق). دىمەك، بۇ ئىشنى قىلىشتىكى نىيەتنىڭ ئۆزىدىلا مەسىلە بار. شۇنداق بولغاندىكىن، بۇ ئىشتا قالغان ئىشلىرىنى ھەممىسىنى شەيتان باشقۇرىدۇ. سەدىقىنى بايغا يىگۈزىدۇ، خەقنىڭ نەزىرىدە كاتتا نەزىر بەرگەن بولۇشنى ئويلايدۇ، ئادەم ئۆلسە 7 سى 40 قى دەپ نەزىر قىلىشنى خۇددى قىلمىسا بولمايدىغان ۋاجىب ئىش قاتارىدا قىلىدۇ، ئەسلى ئىسلامدا يوق بولغان شۇنداق مۇقىم كۈننى بېكىتىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرىدۇ.
بۇ ئىنكاستا بىدئەتنى تالىشىپ گەپنى ئۇزارتىشنى ياقتۇرمايمەن. ئاساسلىقى سىز ئاۋال ئىسلام زانى نىمىلەرگە بۇيرۇپتۇ؟ دىگەننى ياخشى ئۆگىنىپ(ئاددى چۈشەنچە بىلەن، ئايەتلەرنى ھەدىسلەرنى ئۆزىڭىز چۈشەنگەن بويىچىلا كېتىۋەرمەي، ھەر خىل ئېقىمدىكى ئالىملارنىڭ نىمىشقا شۇنداق چۈشەنگەنلىكلىرىنىمۇ دەلىللىرىنى ئەستايىدىل تەھىلىل قىلىپ ئۆگىنىپ تۇغرىسىنى كۈچلۈك دەلىل بىلەن ئىگەللەپ) ئاندىن بىر قىسىملارغا باھا بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ. مەن قارىسام ئىسلامدىن ھېچنىمە بىلمەيدىغانلارمۇ (ھەمىسى ئۆزلىرىنى بىلىدىغان بىلىملىك چاغلايدۇ)ئەشۇ كاللىسىدىكى ئىسلامغا چۈشمەيدىغان ئۆلچەملىرى بىلەن ئىسلام ئالەمىدىكى ئىشلارغا باھا بېرىپ كېتىدىكەن.
جىق گەپ قىپ قويدۇم. نىيىىتم پەقەت تۇغرىسىنى بىلىشنى نىيەت قىلىش، ھەم شۇنى سەمىڭىزگە سېلىش خالاس.
ئەڭ ياخشىسى، ۋاھابىي تۇغۇرلۇق گەپنى مۇمكىن بولسا، ئەزھەرنى دوكتورلۇقتا پۈتتۈرگەن ئابدۇل ئەزىز رەھمۇتۇللاھدەك كىشىلەردىن سوراپ بېقىپ بىرنىمە دىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىكى ئىشلارغا پەتىۋا بېرىش شۇنداق كىشىلەرنىڭلا سالاھيتى ىار بولغان بولىدۇ. |
|