- تىزىملاتقان
- 2014-2-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10695
- نادىر
- 0
- يازما
- 1003
ئۆسۈش
  1.74%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا obzorqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-7 01:19
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . سىزنىڭ ھەق يولىدا قىلغان ئەندىشىلىرىڭىزنى ، بەرگەن سەمىمى مەسلىھەتلىرىڭىزنى توغرا چۈشىنىمەن ھەم قاراشلىرىڭىزغا ھۆرمەت قىلىمەن . اللە تائالا ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلغاي .
مەن دىنى بىلىم جەھەتتە ئادەتتىكى بىر كىشى . لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، بىدئەت بايرىقىنى كۆتۈرىۋالغان بىر تۈركۈم كىشىلەر پەيدا بولۇپ ، ئۇيغۇرنىڭ ئىبادەت ، ئەقىدىلرىنى بىر پۈتۈن ئىنكار قىلىپ ، تىل - ھاقارەتكە كۆمۈۋەتتى . ياشلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئىمان - ئەقىدىسىگە ئىشەندۈرۈپ ، جامائەتلەرگە قارىشى تەربىيىلەپ ، ئالدىدىن كەلسە ئۈسىدىغان ، كەينىدىن كەلسە تېپىدىغان غەلىتە مىجەز قىلىپ يېتىىشتۈردى . بۇ خىل ئەھۋال ماڭا قاتتىق تەسىر قىلغاچقا ، يىللاردىن بېرى بۇ مەسىلىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە ( يەنى نېمە ئۈچۈن بۇ ئىسيانكار ياشلار بىدئەتنىڭ ھەممىسى دوزاققا مەھكۇم دېگەن قاراشتا قەتئى چىڭ تۇرىدۇ ؟ جامائەتلەر بولسا ، بىدئەتنىڭ ياخشىسى بار - دېگەن قاراشتا قەتئى چىڭ تۇرىدۇ ؟ سەۋەبى زادى نېمە ؟ - دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ) ئىزدەندىم . مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇۋاھھابنىڭ « بىدئەت ۋە سۈننەت » ، « قىيىن مەسىلىلەرنىڭ يەشمىسى » ناملىق كىتابلىرىدىنمۇ مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى كۆرگەندىن كېيىن ، ۋاھھابى ئاتالغان بۇ كىشىنىڭ « بىدئەتنىڭ ياخشىسى يوق » - دېگەن ماۋزۇسى توغرا بولغان بىلەن ، بۇ ماۋزۇ ئاستىدىكى تەبىرنىڭ بىر پۈتۈن ئۆزگەرتىلگەن ، بۇرمىلارغان ، مۇسۇلمانلارنى ئازدۇرىدىغان ساختا تەبىر ئىكەنلىكىنى بايقىدىم . مەسىلەن : ۋاھھابى « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن پەيدا بولغان ، ساھابىلەرمۇ قىلمىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ـــــ بىدئەت » - دېگەن . بۇ تەبىرگە ئاساسەن ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەر مەۋلۇد ئوقۇمىغان ، نەزىر قىلمىغان ، كوللىكتىپ دۇئا قىلمىغان ، قەبرە بېشىدا ئايەت ئوقۇمىغان ، كوللىكتىپ قۇرئان تامام قىلمىغان ، ... قاتارلىق 75 بىدئەتنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ، 1000 يىللاردىن بۇيانقى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمان - ئەقىدىسىنى ئىنكار قىلىپ ، شەرتسىز ھالدا دوزاققا بۇيرۇپ ، ئۇلاردىن ئادا - جۇدا بولۇشتى . بۇنىڭ قايسى دەرىجىدە خەتەرلىكلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەرس ئەمەس .
ئەمدى ۋاھھابىغا قارىشى تۇرغۇچى مۇسۇلمانلارنىڭ « بىدئەتنىڭ ياخشىسى بار » - دېگەن سۆزىنى ۋاھھابىلارنىڭ يوقۇرقى پىتنىلىرى قايمۇقتۇرۇپ كەلتۈرۈپ چىقارغان . مەسىلەن : ۋاھھابىيلار يوقۇرقى 75 خىل ئىشنى بىدئەت - دەۋەرگەندىن كېيىن ، ۋاھھابىلارنىڭ قارىشىسىدىكى مۇسۇلمانلار ـــــ نەزىر قىلسا ، كوللىكتىپ دۇئا قىلسا ، قەبرە بېشىدا ئايەت ئوقۇسا ، كوللىكتىپ قۇرئان تامام قىلسا ... قاتارلىقلارنى اللەنىڭ رىزالىقى ئۈچۈن ، اللەنىڭ يولىدا ، ئايەت ، ھەدىسكە ، شەرىئەت ئەھكاملىرىغا ئۇيغۇن ، خالىس قىلسا بولىدۇ . شۇڭا بۇ ياخشى بىدئەت دەۋالغان . دېمەك جامائەتلىرىمىز « بىدئەتنىڭ ياخشىسى بار » - دېگەن ماۋزۇدا ۋاھھابىنىڭ قىلتىقىغا دەسسەپ قالغان بولسىمۇ ، لېكىن ئىمان ۋە ئەقىدىدە ئازمىغان . ( يەنى ۋاھھابىلار ئىنكار قىلغان 75 بىدئەتنى ، جامائەتلىرىمىز ياخشى ، ساۋابلىق ئىشلار ، ئىنكار قىلسا ئېغىر گۇناھكار بولىدۇ ــ دەپ ، ئازماستىن چىڭ تۇغان .
خۇلاسە شۇكى ، مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇۋاھھاب ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ : « دىندا ئەسلى يوق بولۇپ ، كېيىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەت » - دېگەن ھەدىسىنى : « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن پەيدا بولغان ، ساھابىلەرمۇ قىلمىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ـــــ بىدئەت » - دەپ ئۆزگەرتىپ ، مۇسۇلمانلارنى خۇددى ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالمايدىغان ئىككى گۇروھقا بولۈۋەتكەن .
مەسلىھەت بېرىشىڭىزنى سورايمەن . اللەقا ئامانەت . |
|