- تىزىملاتقان
- 2013-9-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6344
- نادىر
- 0
- يازما
- 485
ئۆسۈش
  26.88%
|
مۇنازىرىنىڭ ئاخىرقى بېتىگە قارىسام يەنا ئايلىنىپ نەزىر مەسىلىسىگە تاقىلىپ قالغاندەك قىلىدۇ.نەزىرنى بايلار يەپ كېتىۋاتىدۇ ئۇنىڭ پايدىسى يوق دېگەن گەپنى مەن چۈشەنمەيمەن. بىراۋ خالىس باشقىلارنى چاقىرىپ تاماق بەرسە مەيلى تاماقنى باي يىسۇن ياكى كەمبەغەل يىسۇن بۇنىڭ نېمىسى يامان. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈنكىدەك تۆت ئۇيغۇرنىڭ بىر يەرگە كېلىپ جامائەتلىشىشى تەسلىشىىپ كېتىۋاتقان كۈنلەردە نەزىر باھانىسىدە بىريەرگە توپلىنىپ ھال ئەھۋالىنى سورايدىغان يۇرت جامائەتلىرى ئۈچۈن نەزىر قىلىشنىڭ نىمە زىيىنى بار. ئىسلام دىنى ئەڭ بۇرۇن جامائەتلىشىشنى تەكىتلەيدۇ شۇڭا نامازنى جامائەت بولۇپ ئوقۇشنىڭ ساۋابى ئارتۇق دەپ قەيت قىلىنغان. ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈندە بىدئەت قالپىقى ئاستىدا ئاز تولا ئىلىم يۇقىدىغان جامائەت سورۇنلىرى ۋە مىللى ئەنئەنىۋى ئادەتلەر يوقىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ئىجابى تەرىپىدىن بەكرەك زىيىنى تولا بولىۋاتىدۇ. مېنىڭچە بىدئەت مەسىلىدە ھەرقانداق بىر دىنى زىيالى ياكى ئەگەشكۈچىلىرى مىللەتنىڭ ئومۇمى پايدىسىنى نەزەرگە ئېلىپ تۇرۇپ ھۆكۈم چىقىرىشى زۆرۈردۇر. |
|