- تىزىملاتقان
- 2013-9-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3895
- نادىر
- 2
- يازما
- 177
ئۆسۈش
63.17%
|
تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر.
تورداش ئاشقىن بۇرادەر خېلى دەرىجىدە نادىر ئىنكاسلارنى تەغدىم قىلىپتۇ. رەھمەت سىزگە!
‹‹سۇنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۈرى›› نى نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى مەنمۇ ئوقۇغانىدىم. مەن ئوقۇغان خەنچە كىتاب ئاساسلىقى جەڭ تاكتىيكىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قەدىمكى زامان خەن ئىدىيوملىق سۆز بىرىكمىلىرىكەن. ھەربىر ئىدىيوملىق سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ كەينىگە نەچچە ئون بەت كېلىدىغان دۇنيانىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىدا يۈز بەرگەن چوڭ-كىچىك ئۇرۇشلار تەقلىد قىلىپ چۈشەندۈرۈلۈپتىكەن. مەن بۇ كىتاپتىن سىتىراتېگىيىگە دائىر نەزىرىيىۋىي بىلەملەرنى ئۇچۇرىتالمىدىم. پەقەت ئىدىيوملىق سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ كەينىدە كەلگەن ھازىرقى زامان ئاپتورلىرى تەرەپىدىن قوشۇمچە قىلىنغان جەڭ مىساللىرىدىن زورلاپ-تېڭىلغان ئاز-تولا نەزىرىيېۋىي بىلىملەرنىلا ھېس قىلغاندەك بولدىم.
‹‹سۇنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۈرى››دىكى تۇراقلىق سۆز-ئىبارىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىسى جەڭ تاكتىيكىلىرى بىلەن جىپسىلىشىدۇ. سىتىراتېگىيە ئۇقۇمىنى نەزىرىيېۋىي تەپەككۈر باسقۇچىغا كۆتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. ھېچبولمىغاندا مەن ئوقۇغان كىتابتا شۇنداق. مەيلى سۇنزىنىڭ جەڭ تاكتىيكىسى بولسۇن، ياكى جۇ گىلىياڭنىڭ ھەربىي پەنتلىرى بولسۇن، بۇلارنىڭ بىر قىسمى ئەمەلىي جەڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كەلسە، يەنە بىر قىسملىرى كۆزگە كۆرۈنمەس رېجىسسور تەرەپىدىن ئالدىن-ئالا قېلىپقا سېلىنىپ، بەدىئىي توقۇلما دەرىجىسىگىچە بېرىپ يەتكەن.
يۇقىرىدا ئاشقىن تورداش دېگەندەك، جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان ئۇرۇشلىرى ھىيلە-مىكىر بىلەن تولغان. بۇنداق دېگەنلىك رېئاللىقتا شۇنداق بولغان دېگەنلىك ئەمەس. بۇلارنىڭ بىر مۇنچىسى كىتابىي ئىبارىلەر. يەنە ئاپتورنىڭ سوبېكتىپ ئارزۇسى بويىچە قېلىپقا سېلىنىپ، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن كۆرۈنىشلەر. مۇشۇنداق قېلىپلاشقان ئۇرۇشلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن ھالقىپ دۇنياغا يۈزلىنەلمىگەن. جاسارەت، جەڭگىۋارلىق، مەردانىلىق ۋە قوماندانلىق سىتىدات تەييار رامكىدىن بۆسۈپ چىقالماي، ئىمپېرىيە دەۋرىگە يۈرۈش قىلىشتەك دۇنياۋىي سەۋيىگە يېتەلمىگەن. جەڭگى-جېدەل قورغاننىڭ سىرتىغا ئۆتەلمىگەن. قانداقلا بولمۇسۇن بۇ نەچچە مىڭ يىللىق تارىختىن ھېس قىلىشقا تامامەن بولىدىغان بىر ئاددى ھەقىيقەت.
‹‹سۇنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۈرى››نى ھازىرقى زامان كارخانا ئىلمى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ھەققىدىكى خەنچە كىتابنىمۇ كۆرگەنتىم. قانداق دېسەم مۇۋاپىق بولىدۇ، بىلمىدىم. بەلكىم بۇمۇ سۇنزىنىڭ يېڭى تەپسىرى بولسا كېرەك. |
|