- تىزىملاتقان
- 2015-8-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6317
- نادىر
- 0
- يازما
- 687
ئۆسۈش
26.34%
|
ئاشقىن يوللىغان ۋاقتى 2016-2-14 11:32
«سۈنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۇرى»ئۇنچە ئۇلۇغلاپ كەتك ...
ئېسىل ئىنكاس بوپتۇ، موڭغۇل ۋە مانجۇلار سۈنزىنىڭ ھەربىي دەستۇرىنى ئۆگەنمەي تۇرۇپمۇ تەڭداشسىز جاسارىتىنى پۈتۈن دۇنيا ئەھلىگە نامايەن قىلدى. دۇنيا تارىخىنى ئۆگىنىمەن دەيدىغان ھەر قانداق ئادەم موڭغۇلدىن ئىبارەت بۇ جاسارەتلىك مىللەتتىن چەتنەپ كېتەلمەيدۇ. دېمەك موڭغۇللار دۇنياغا ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ يۈرمىسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى دۇنيا ئەھلىنىڭ موڭغۇللارنى بىلمەسلىككە باھانىسى يوق، بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ. جۇڭگونى ئۈزۈل-كېسىل بىرلىككە كەلتۈرگەن ئىككى مىللەت بار، بۇنىڭ بىرى موڭغۇل، يەنە بىرى مانجۇلار. دۇنايدىكى موڭغۇللارنىڭ نوپۇسى 10 مىليوندىن ئاشىدۇ، ئاساسەن ئۆزىنىڭ تىل-يېزىقىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قالغان بىر پۈتۈن مىللەت. ئەكسچە مانجۇلار خەنزۇلارنىڭ ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ گەدىنىگە دەسسەپ يۈرۈپ ھاكىمىيەت تۇتۇپ ھوقۇق يۈرگۈزگەن بولسىمۇ خەنزۇلارنىڭ باشقا مىللەتلەرنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىدىغان داش قازىنىغا چۈشۈپ كېتىپ ھالاك بولدى. شۇنىڭ بىلەن مانجۇلار تارىخ سەھنسىدىن رەسمىي چېكىندى. بۇ 10 نەچچە مىليون ئۆزىنى مانجۇلارنىڭ ئەۋلادى دەيدىغان بىچارە بايقۇشلارنىڭ ئىچىدە مانجۇ تىلىنى بىلىدىغانلاردىن ئاران 6 ئادەم بارمىش. سۈنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۇرىنىڭ پايدىلىنىدىغان قىسمەن يەرلىرى بولسىمۇ، لېكىن كۆپ قىسمى ھىيلە-مىكىرىدىن ئىبارەت. موڭغۇل ۋە مانجۇلار ئاساسلىقى ئۆزىنىڭ تەڭداشسىز ئۇرۇش قىلىدىغان ئەسكەرلىرى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇرۇش تەدبىرىنى قوللانغان. گەرچە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك قوشۇنى سۈنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۇرىنى قوللىنىپ تۇرۇپ نەچچە مىليون ئەسكىرىنى ئۇرۇشقا سالغان بولسىمۇ موڭغۇل ۋە مانجۇلارنىڭ قوشۇنى ئالدىدا كارغا كەلمىدى. ئاقىۋەتتە موڭغۇل ۋە مانجۇلارغا قۇل بولدى، موڭغۇل ۋە مانجۇلار خەنزۇلارنى شۇنچىلىك قىرغىن قىلدىكى ئۆلتۈرۈلگەن خەنزۇلارنىڭ تولىلىقىدىن ھېسابلاش مۇمكىن بولمىدى. ھازىرقى تارىخشۇناسلارنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا موڭغۇل ۋە مانجۇلارنىڭ قېلىچى ئاستىدا جان بەرگەن خەنزۇلارنىڭ سانى 70 مىليوندىن ئاشىدۇ. ھەتتا چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى موڭغۇللارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدا شىمالىي جۇڭگو تەۋەسىدە ئادەم نەسلى ئىنتايىن ئاز قالغان، شىمالىي جۇڭگودىكى كۆپ قىسىم شەھەرلەرنى موڭغۇللار ئوت قويۇپ، ئادەملرىنى قەتلىئام قىلىپ ۋەيران قىلىۋەتكەنلىكى تارىخ كىتابلىرىدا ئېنىق قەيت قىلىنغان. بىز يۇقارقى بايانلارغا قارىساق سۈنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۇرىنىڭ مانجۇ ۋە موڭغۇللار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا قىلچىك پايدىسى بولمىغانلىقىنى بىلىمىز. لېكىن بۇ كىتابنىڭ پايدىلىنىش قىممىتىنىڭ يۇقىرى يەرلىرىمۇ كۆپ. |
|