- تىزىملاتقان
- 2015-3-31
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1981
- نادىر
- 0
- يازما
- 124
ئۆسۈش
98.1%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bugra47 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-14 23:59
ئاشقىننىڭ پىكىرىنى ھازىرقى ئەھۋالغىمۇ تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ. مەسىلەن، يېقىندىن بۇيان جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققى قىلالماسلىقىدىكى بىر مۇھىم سەۋەپ خەلىقئارالىق شىركەتنىڭ ئاز بۇلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. TCL, Haier, Huawei دىگەندەكلەرنىڭ ھەممىسى چەتئەل شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش يۇلى بىلەن چەتئەلگە كىرگەن، بۇلمىسا جۇڭگو ئۆزىنىڭ مۇستەقىل خەلىقئارالىق شىركەتلىرى يوق. سۈنزىنىڭ ھەربى ئىشلار دەستۇرىنى ئۈگەنگەنلەرمۇ شۇنداق، چەتئەل بازىرىغا كىرگەن جۇڭگو شىركەتىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى جۇڭگولۇقلار كۆچىسى ياكى جۇڭگو بازىرىغا توپلىشىپ قالغان، ئۆزئارا بىر بىرى بىلەن رىقابەتلىشىپ، باھانى چۈشۈرۈپ بازارنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، بىر بىرىگە ئورا كولاپ (كۆرۈنۈشتە يېقىن دوست بۇلۇپ) ئۆتىدۇ. دۇنيادا ۋال مارت، كەررىفور، تېسكو ۋە باشقا بىر مۇنچە خەلقئارالىق شىكەتلەر بار، ئۇلارنىڭ يىللىق كىرىمى نۇرغۇن دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقرىش ئومۇمى قىممىتىدىن يۇقىرى. ئۇنداق شىركەتلەر قانداق دۆلەتكە بارمىسۇن ئۆزى مۇستەقىل ھالدا يەرلىك شىكەتلەر بىلەن رىقابەتلىشەلەيدۇ،ئەمما جۇڭگو شىركەتلىرى مۇستەقىل رىقابەت قىلالمايدۇ، غەرىپ دۆلەتلىرىدە تېخىمۇ شۇ..... ئەگەر سۈنزى ھەربى ئىشلار دەستۇرى ئىشقا يارىغان بولسىدى، باشقا دۆلەت شىركەتلىرى بىلەن راۋرۇس بەيگىگە چۈشەلەيتى.
مەن دۇبەي، قاتار قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىمۇ ئەنگىلىيەلىك، ئامرېكىلىقلارنىڭ سودا ساھەسىگىلا ئەمەس، تۇرمۇش ساھەسىگەمۇ كىرىپ، يەرلىك كىشىلەر بىلەن رىقابەتكە چۈشەلىگەننى كۆردۈم. مەسىلەن دۇبەيدە بىر ئەنگىلىيەلىك شىركەت دېرىكتۇرى (مۇسۇلمان ئەمەس) قۇرئاننىڭ نۇرغۇن ھەدىسلىرى ئارقىلىق سودا پىرنىسىپى ھەققىدە ماڭا كۆز قاراشلىرىنى دەپ مېنى ھەيران قالدۇردى، خەلىقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرى دەيدىغان يەر بار، ئۇ يەردە ئەرەپلەرگە ئوخشاش كىيىم كىيىۋېىلىپ، ئەرەپ تىلىدا يەرلىك ئەرەپ بايلار بىلەن سودا ھەققىدە سۆزلىشىۋاتقان نۇرغۇن ئامرېكىلىق، ياۋرۇپالىقلارنى كۆردۈم.... ئەمما جۇڭگولۇقلار پەقەتلا جۇڭگولۇقلار بازىرىدىن چىقالمىغان، چىقالىغانلىرىمۇ ھالى خاراپ، باشقا شىركەتلەر ئۇلارنىڭ ھىيلىسى كۆپ دەپ ئانچە ئالاقە قىلىشنى خالاپ كەتمەيدىكەن. |
|