- تىزىملاتقان
- 2014-3-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 553
- نادىر
- 1
- يازما
- 10
ئۆسۈش
  10.6%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tahirhaliq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-2 13:52
napalyun يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 21:22 
راس(ئاقىلغا ئىشارەت ،نادانغا جۇۋالدۇرۇس) بۇ ھەقىقەتە ...
مېنىڭچە ، سىز خېلى غۇرۇرلۇق بىر ئەركەككەنسىز . قايتۇرغان ئىنكاسىڭىزدىن سىزنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەندىم . مەن نېمىشقىكىن ، بەلكىم ئۇيغۇر - تىل ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغانلىقىمدىن بولسا كېرەك ، مۇشۇ ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان تۈرلۈك تېمىلارنىڭ مەزمۇنىدىن كۆرە ، ئىملاسىغا ھەم شۇ تېمىلارغا ئىنكاس يازغانلارنىڭ ئىملا ۋە خەت سۈپىتىگە بەكرەك دىققەت قىلىمەن . ئۆزۈممۇ تورغا تېما ۋە ئىنكاس يوللىغاندا بۇ جەھەتكە بەك دىققەت قىلىمەن ! چۈنكى ، مېنىڭ نەزىرىمدە ئۆز تىل - يېزىقىمىزنى سۆيگەندىلا ، ئۇنى قەدىرلىگەندىلا ، ئۇنى ئۇلۇغلىغاندىلا ، ئاندىن ئۇيغۇرلۇقنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئۆلچىمىگە يېتەلەيمىز . مەنمۇ ئۈزۈمنى ئىملادا بەك دىققەت قىلىمەن ، ئىملاغا پىششىق ، يازمىلىرىم ھەم ئىنكاسلىرىمدا ئىملا خاتالىقى يوق ، دەپ ئېيتالمايمەن ! چۈنكى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملاسى ئىنتايىن نازۇك ھەم زىل . ئۇيغۇر تىلى دۇنيادىكى تىل فونېتىكا تەتقىقات نۇقتىسىدىن ئالغاندا ، تاۋۇشلارنىڭ يېپىشقاقلىقى بەك كۈچلۈك بىر تىل . سەللا دىققەت قىلمسىڭىز ئاسانلا خاتالىق يۈز بېرىپ ، ئۇقۇم ھەم مەنە خاتالىقى يۈز بېرىدۇ .
ئەمدى مائارىپ ھەققىدىكى قارىشىڭىزغا كەلسەك ، مەيلى جۇڭگونىڭ ئومۇمىي مائارىپ تۈزۈلمىسىدە بولسۇن ياكى ھازىرقى مىللىي مائارىپىمىزدا بولسۇن ، ياكى قوش تىللىق مائارىپتا بولسۇن ، مەسىلە ھەقىقەتەن كۆپ . « دېسەم تىلىم كۆيىدۇ ، دېمىسەم دىلىم » دېگەندەك ، بۇ مەسىلىلەرنى سىز ھەم بىز كارنىيىمىز يېرىلىپ كەتكۈدەك توۋلىساقمۇ ، ئالدىراپ ھەل بولمايدۇ ھەم بۇ ئىش بىزنىڭ قولىمىزدىنمۇ كەلمەيدۇ . شۇڭا ، ئەڭ ئاۋۋال ئۆز كەسپىمىز ھەم قىلىۋاتقان ئىشىمىزنى پۇختا ، ئەستايىدىل قىلساقلا ئىشلار ئاستا - ئاستا ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنەيلى ! |
|