- تىزىملاتقان
- 2014-8-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 454
- نادىر
- 0
- يازما
- 16
ئۆسۈش
  77%
|
كەنتىمىزنىڭ ئوتتۇرغا جايلاشقان بىر باشلانغۇچ مەكتەپ بار ئىدى،موھىتى ياخشى بولۇپلا قالماي جايلاشقان ئورنى تولىمۇ مۇۋاپىق بولغاچقا باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان ھەر قانداق ئوقۇغۇچىئ(ئەڭ يىراقتىكىسى) پىيادە نەچچە ئون مىنۇتتىلا ئۆيىگە قايتالايتتى،مەكتەپلەرنى يىغىنچاقلىدۇق دەپ بۇ مەكتىپىمىزنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ يىزا مەركىزىگە بىرىپ ئوقۇيدىغان بولدى،بۇنىڭدا بىرسى ئارلىق يىراق ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەت تاشيولى ۋە يىزا بازىرنى كىسىپ ئۆتىدىغان بولغاچقا تىخى باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان بالىلارنى مەكتەپكە ئۆزۈڭ بىرىپ كەل دىگلى بولامدۇ دەيسىز،99%كىشلەر دىھقان بولغان كەنتىمىزدە ئاتا ئانىلار كۈندە بالىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلىش بىلەن ئاۋارە........قىشنىڭ سوغۇقى...يازنىڭ تىرىلغۇنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە .....ھەييي....دىھقانلارغا راسلا تەس بولدى....ئۇنى ئاز دەپ تولوقسىزنى ناھىيەگە ئەكەتتى..ئەمدىلا ئون نەچچە ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بالىلار ھەپتىدە بىر ئۆيىگە قايتىدۇ....ئاغىزىدىن سۈت پۇراپ تۇرغان شۇ بالىلارنى مۇشۇ ياشتا ئاتا ئانىسى بىلەن بىللە ياشاش پۈرسىتىدىن ئايرىپ ناھىيەدە ئوقۇتۇشقا زادى نىمە شۇنچە زۆرۈر بولۇپ قالدى؟؟؟؟؟كەنتىمىزدىكى كەنىت ئاھالە كومىتىت ئىشخانىسى تىىخى يىقىنقى يىللاردا سىلىنىغان يىپ يىڭى بىر ئوبدانلا ئىدى، بىراق ئۇلار ئاشۇ ئىشخانىلىرىنى ئىشلەتمەي كەنتىمىزنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ھويلىسىنىڭ قاق ئوتتۇرسىغا ئاجايىپ ھەيۋەت قىلىپ يىڭىدىن كەنىت ئىشخانىسى سلىپ مەكتەپ كەنىت كومۇتىتىغا ئايلاندۇرۇلۇپتۇ ،باللىرىمىز سىغمىغان ئاشۇ كىچىككىنە زىمىنغا خەلىقنىڭ پۇلى بىلەن كەنىت رەھبەرلىرى سىغىپتۇ...... |
|