- تىزىملاتقان
- 2014-3-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 480
- نادىر
- 1
- يازما
- 9
ئۆسۈش
  90%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tahirhaliq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-23 18:34
پۇرۇخ يوللىغان ۋاقتى 2015-2-23 11:10 
SARSAN_8
سىز «جاپاكەش ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلارنىڭ ، شۇنداق ...
بۇ ماقالىنى مۇنبەرگە يوللاشتىكى مەقسەت : مائارىپ ئۈچۈن ، كەلگۈسىمىز ئۈچۈن ، ئەۋلادلار ئۈچۈن تېنىمسىز تەر تۆكىۋاتقان ، كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ، باش قاتتۇرىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلارنىڭ ، جۈملىدىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ، مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ۋە ئۇلارنى ئىجابىي جەھەتتىن يېتەكلەش ؛ ئۇنىڭدىن قالسا ، مائارىپىمىزدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ئىلمىي ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە كۆپچىلىكنى ئىلمىي مۇنازىرىگە يېتەكلەش ، خالاس !
مېنىڭ « ئىنكاس يازغاندا بەك قايناپ كەتمەسلىكىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن » دەپ ئەسكەرتىپ قويۇشۇمنىڭمۇ ئاساسى بار . چۈنكى ، بىر دۆلەت ياكى بىر مىللەتنىڭ مائارىپىدىكى مەسىلىلەرنى بىر پارچە نادىر ئىلمىي ماقالە بىلەن ياكى « دەبدەبىلىك » قايناش ، قىيداش بىلەن ھەل قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ ، ئەلۋەتتە .
مۇشۇ ماقالىنى ئوقۇپ بولۇپلا « بىزنىڭ يۇرتتا مۇنداق بولۇپ كەتتى ، بىزنىڭ مەكتەپنىڭ مۇدىرى مانداق ناچار ، ھازىرقى مائارىپنىڭ ھالىغا ۋاي ، بالىلىرىمىز مانداق بۇزۇلۇپ كەتتى ... » دەپ ئىنكاس يازىدىغان ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ھەم تورداشلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس . ھەتتا ، ئارىمىزدا قايسى تور بېكەتتە ئىلمىي مۇنازىرە بولىۋاتسا ، شۇ مۇنبەر ھەم شۇ سورۇننى پىتنە-پاسات سورۇنىغا ئايلاندۇرىۋېتىپ ، ئۆزى بىر چەتتە تاماشا كۆرىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس . شۇڭا ، بۇ ئەسكەرتمەمنى توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ، ئەگەر قولۇڭلاردىن كەلسە ، سىلەرمۇ ماقالە ئاپتورلىرىدەك كۆپ تەرەپلىمە ئىزدىنىپ ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ، ئۇلارنىڭ ماقالىسىنى بېسىپ چۈشكۈدەك بىرەر ئىلمىي ماقالە يېزىپ ئېلان قىلدۇرۇڭلار . شۇ چاغدا مائارىپىمىزدىكى سىلەر دەۋاتقان مەسىلىلەر « تەلتۈكۈس » ئوڭشىلىپ كەتسە ، ئەجەب ئەمەس ! |
|