- تىزىملاتقان
- 2012-6-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14290
- نادىر
- 0
- يازما
- 511
ئۆسۈش
  10.73%
|
tahirhaliq يوللىغان ۋاقتى 2015-2-23 18:10 
بۇ ماقالىنى مۇنبەرگە يوللاشتىكى مەقسەت : مائارىپ ئۈچ ...
ئاپىرىن سىزگە ،،مەسئۇلىيەتچان-مەرت باغۋەنلەرگە بىزدەك دادىلاردىن ئەڭ ئالى ئېھتىراملار بولسۇن. .!! مەسىلىنى مەسئۇلىيەت ۋە ۋىجدان بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپسىلەر، ئەمدىكى گەپ ھەل قىلىش چارىسىدە. مېنىڭ كۆز قارىشىم مائارىپ تېمىسىدا بىز كۆرمەيۋاتقان مىسلىسىز كۆپ ئېمكانىيەتلەر بار. بۇنى كۆرۈشكە ئەقلىمىزنىڭ گاللىق قىلغىنىنى، بېلىمىزنىڭ بوشلىغىنى ئېتراپ قىلماي قۇرۇق قاخشىغان بىلەن زامان ئالدىغا كېتىۋىرىدۇ.
باشقىلار مېڭىپ مۇۋاپىقىيەت قازىنىۋاتقان، بىز تېخى ئۇرۇنۇپ باقمىغان يول ئېمكانىيەت نۇرغۇن تۇرسا ئۆزىمىز تىرىشماي جەمىيەتتىن قاخشاپ يىغلىساقمۇ كۆز يېشىمىزغا ھېچكىم باقمايدۇ. باللانىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مەكتەپتىن بەك دەۋىر ئۆزگۈرۈشلىرىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولىۋاتقان ئىكەن مەكتەپتىن سىرت مائارىپ مېخانىزىملىرىغا تايانماي ئامال يوق. مەسىلەن مائارىپ-مەدەنىيەت شىركەتلىرى، مائارىپ ئۇچۇر سۇپىلىرى، تور مەكتەپلىرى، خۇسۇسى مەكتەپلەر، مەركەزلەر دېگەندەك. ئۇچۇر دەۋرى تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتىۋاتقان دەۋىردە تۇرۇپ بىزدە تېخى ھەقسىز ئۈنۈملۈك مائارىپ مەنبەئەلىرىدىن ، بايلىقلىرىدىن ئورتاق بەھىرلىنىدىغان ئۇچۇر سۇپىلىرىمۇ يوق تۇرسا، تېجەشلىك ، يۇقۇرى سۈپەتلىك ۋە ئۈنۈملۈك بولغان تور مەكتەپلىرىمۇ بولمىسا ، مەكتەپ سىرتىدا مائارىپقا يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلالايدىغان تۈزۈك بىر پېداكارلار قوشۇنىمۇ بولمىسا. پۇل تېپىشنىڭ ۋەسۋەسىسدىن قۇتۇلغان مەدەنىيەت-مائارىپ شىركەتلىرى، خۇسۇسى مەكتەپلەر،مەركەزلەر بولمىسا مائارىپ تەرەققىياتىدىن سۆز ئېچىش مۈمكىن بولمايدۇ.
مەنچە ئەقىل ۋە سەمىمىيلىكنى بازارغا، ئېختىساتقا ۋە بۇنى بىر ئىجدىمائىيلاشقان مائارىپ مېخانىزىمىنى ھەركەتكە كەلتۈرەلەيدىغان ئېنىرگىيەگە ئايلاندۇرالايدىغان شىركەتلەرنىڭ بولىشى زۆرۈر. |
|