قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 9510|ئىنكاس: 215
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مىللىتىمىز ۋە مەۋجۇتلىقىمىز(ئۇمۇن)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

15

دوست

2965

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   32.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21614
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 37
تۆھپە : 950
توردىكى ۋاقتى: 243
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 05:14:07 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
مىللىتىمىز ۋە مەۋجۇتلىقىمىز

(ئۇمۇن)


بىر مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئوخشاش تىل ۋە كۈلتۈر ئىچىدە ئۇزۇن زامان بىرلىكتە ياشىشى مىللەتكە  خاس ئورتاق پىسخىكا ۋە قىممەت ئۆلچەم شەكىللەندۈرىدۇ .مىللەتتىكى بۇ ئورتاقلىقلارنىڭ ئىجابىي ياكى سەلبىي يۆنىلىشى مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق مەسلىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ ئويلايمەن.ئۇيغۇر جەمىيىتىدە  سىياسىي رىئاللىق بىلەن جەمىيەتنىڭ ئۈستىقۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگۈرىشى مىللەتتە يۇقاردا ئىيتىپ ئۆتكەن يىڭى ئورتاقلىقلارنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەپ بولماقتا.
ئەسىرلەر بويى ئۇيغۇرنى تالاشقان ئىدولوگىيەلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالمىشىشى ۋە ئۆز ئارا توقۇنىشى تەسىرىدە ئۇيغۇر جەمىيىتى ئىنتايىن چوڭقۇر مەنىۋىي قاغجىراشنى بىشىدىن كەچۈرىۋاتىدۇ دەپ ئويلايمەن.دىننى كىملىكنى ياكى مىللىي كىملىكنى بىرلىك قىلىپ ئىدولوگىيە تۈزدۇق ۋە مەغلۇبىيەتلەرنى ئىدولوگىيە ئالماشتۇرۇش بىلەن نەتىجىلىدۇق.بىزنىڭ نىشانىمىز ۋە نىشانغا يىتىش ئۇسۇلىمىز بۈگۈنكى رىئاللىققا ئۇيغۇنلاشمىغانلىقى ئۈچۈن سىستىمىمىزنىڭ ئۇلى ئۈزلۈكسىز بوش قالدى.
    ئۇيغۇر مىللىتى بۈگۈنكى رىئاللىقىدىكى ئۆمۈتسىزلىكىگە پۈتمەس-تۈگمەس ھاياجانغا ئۆزىنى باغلاش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۋاتىدۇ.ئۆمۈدنىڭ ئىنتايىن موھىم نەرسە ئىكەنلىكى ئىنكار قىلغۇسىز ھەقىقەت.بىراق ئىنسانلار ئۆمۈدىنى سالماقلىق بىلەن كونتورۇل قىلمىغىنىدا قۇرۇق ھىسياتنىڭ قۇلى بولۇپ قىلىشى مومكىن.بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن كىلاسسىك  تەبىرىمىزدىكى « ئىلىم-پەن بىلەن قۇراللىنىشىمىز كىرەك» دىگەن قاراشنى قوللايمەن.بىراق ئىلىم-پەن دىگەن ئاتالغۇغا بولغان قارىشىم بىر ئاز پەرىقلىق.
     زامانىۋىي ماشىنا كارخانىللىرى،چوڭ فابرىكىلار،كومپىيوتۇر ئىنژىنىرى،ئەقلى ئىقتىدارلىق تىلىفون دىگەندەك ئۇقۇملارنى كاللىسىغا ئىلىم-پەن دەپ يەرلەشتۇرۋىلىش بىر مىللەتنىڭ ئىلىم-پەن قارىشىدىكى پاجەئە.تىخنىكا ۋە كەسىپ ئىگىلەش بىلەن بىلىم ئىگىلەشنىڭ پەرقى بار.تىخىكا ۋە كەسىپ ئىگىلەش بىلەن مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئوتتۇرسىدا پەقەت قاتتىق دىتال مۇناسىۋىتى بولىشى مومكىن.ھەقىقى بىلىم ئىگىلىگەن كىشىدە  رىئال مەسىلىلەرگە رىئال پوزىتسىيە تۇتىدىغان،ھىسسى سىزىملارغا ئەمەس ئەقلى دەلىللەرگە تايىنىدىغان ئۈستۈنلۈك شەكىللىنىدۇ.بۇ خىل كىشىلەر ئەتراپىدىكى مەسىلىلەرگە ئىلمىي ۋە ئەمەلىي نۇقتىدىن باھا بىرىدۇ ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى روھانىي ۋە خىيالىي ھاياتتا ئەمەس رىئال ھاياتتا تاپىدۇ.
   مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلۇق يۇمشاق كۈچى مىللىي مەۋجۇتلۇقنىڭ ئاساسىدۇر .ئۇيغۇر مىللىتىدىكى مائارىپ كىرزىسى بىلەن ئۇيغۇر كۈلتۈرىدىكى تەپەككۈرنى چەكلىگۈچى ئامىللار خەلقىمىزدىكى ئىنتايىن تۆۋەن سەۋىيىنىڭ سەۋەبى بولىشى مومكىن.ساختىلاشقان دىن،يۈزەكى مىللەتچىلىك ۋە سىياسىي ئوتۇپىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى نادانلىقنى تىخىمۇ ئۇلغايتىدىغان مەنبەگە ئايلىنىپ قالماقتا.زىيادە مىللەتچىلىك ۋە ساختا دىننى چۈشەنچىلەر كىشىلەرنى تىخىمۇ كەڭ دائىرىدە چوڭقۇر تەپەككۈر قىلىشىغا توسالغۇ بولىدۇ.زامانىۋىي ئىلىم پەننىڭ تەرەپسىزلىك،ھەقىقەتنى ئىزدەش نىشانى ئۇيغۇر جەمىيىتىدە زىيادە مىللەتچىلىك ۋە ساختا دىننى چۈشەنچىلەر تەرىپىدىن يەكسان بولىۋاتىدۇ.پىكىر ئەركىنلىكى دەپ چاقىرىق توۋلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەرنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن  پىكىر ئەركىنلىكىگە ماس  سەۋىيەسى بولىشى كىرەك.دىمۇكراتىك دۆلەتتە ياشاش ئۈچۈن دىمۇكراتىك ئاڭغا ئىگە بولمىساق بولمايدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كىرەك.
    ئۇيغۇر مىللىتىدەك ئەقلى يورۇقلۇقنى  ھىسسى بايانلارغا قۇربان قىلىۋىتىدىغان ھىسياتچان مىللەتلەرگە ئۆزىنى قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن ھەرخىل سەپسەتىلەرنى ئويدۇرۇپ بىرىشىمىزنىڭ قىلچىلىك ھاجىتى يوق.مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى ئەڭ موھىم مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان مىللەتتە تارتىشىدىغان نەرسىلەرنىڭ بەك كۆپ بولۇپ كىتىشى مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىغا پايدىسىز.بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولىشى ئۈچۈن ئەڭ كىرەكلىك نەرسىللىرى بولىدۇ.يەنە بەزى نەرسىلەر ئۈچۈن   تارتىشىشىمىز ئوشۇقچە.ئىنسان توپلىشىپ ياشاشنى ئىجدىمائىيلاشتۇرغان بىردىن بىر جانلىق بولۇش سۈپىتى  بىلەن كوللىكتىپلىشىشنى يۈكسەك دەرىجىدە سىستىمىلاشتۇرغان بولىدۇ.مىللەت شۇ چوڭ سىستىما ئىچىدىكى كىچىك سىستىمىنىڭ بىرى.تارىخ ئىسپاتلاپ تۇرىدۇكى كىچىك ۋە ئاجىز سىستىمىلار ھەمىشە ئوخشاش تۈردىكى چوڭ سىستىمىلارنىڭ يۇمشاق ۋە قاتتىق كۈچى تەرىپىدىن ئاسمىلاتسىيە قىلىنىپ كىتىدۇ.
    يەككە شەخىسنىڭ مىللەتتىن  ئىبارەت سىستىمىنى قانچىلىك قوغدىيالىشى سىستىمىنىڭ قانچىلىك كۈچىيىشىنى بەلگىلەيدۇ.ھەر بىرىمىز ئۇيغۇر دىگەن سىستىمىنىڭ  ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۆز سىستىمىمىزنى قوغدىشىمىز كىرەك.

نىمە ئۈچۈن قوغدىشىمىز كىرەك؟؟؟
    سىستىمىنىڭ قۇرىلىشى شەخىسنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈندۇر.توپلىشىپ ياشاشنىڭ ئۆزى شەخىسنىڭ قوغدىلىنىشى ئۈچۈن بولغانغا ئوخشاش دۆلەتتىن ئىبارەت چوڭ سىستىمىنىڭ قۇرىلىشىمۇ ئەزا پۇقرانىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن بولىدۇ.ئۇيغۇر مىللىتى دىيىلگەن بۇ سىستىمىنىڭ  مەنپەئىتىنى قوغداشنىڭ سەۋەبى سىستىما ئارقىلىق ئۆز مەنپەئىتىمىزنى قوغداشتۇر.بىر ئامرىكان ئامرىكا دۆلىتى دىگەن سىستىمىنىڭ ئەزاسى ۋە بۇ سىستىمىنىڭ قۇرىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتكۈل دۇنيادا ئامرىكا تەرىپىدىن قوغدىلىنىدۇ،مەنپەئىتى كاپالەت ئاستىدا بولىدۇ.سىستىمىنىڭ پۈتۈنلىكىنى قوغداش ۋە كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۆز مەنپەئىتىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.بىز ئۆز مەنپەئىتىمىزنى،ھەق ھوقۇقىمىزنى قوغدىشىمىز ئۈچۈن ئۇيغۇر دىگەن بۇ مىللىي سىستىمىنىڭ  كۈچىنى ئاشۇرىشىمىز ۋە قوغدىشىمىز كىرەك.بۈگۈنكى كۈنلۈكتە مىللەتتىن ئىبارەت بىزنى قوغدايدىغان بۇ سىستىمىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە قوغداش ئۈچۈن يۇمشاق كۈچكە تايىنىشىمىز لازىمدۇر.
    مىللەتتە مىللەتكە خاس ئاق كۆڭۈللۈك،مىھماندۇسلۇققا ئوخشاش پەزىلەتلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىتراپ قىلىش مىللەتتە ئىللەت بولىدۇ دىگەن قاراشنىمۇ ئىتراپ قىلىشتۇر.مىللەتكە خاس ئىللەت بولمىسا مىللەتكە خاس پەزىلەتمۇ بولمايدۇ.ئەگەر مىللەتكە خاس پەزىلەتلا بولىدۇ ئىللەت بولمايدۇ دىسەك لوگىكىلىق خاتالىققا دۇچ كىلىپ قالىمىز.مىللەتتە ئىللەت بار دىگەندەك ھۆكۈملۈككە تايىنايلى دىسەك كۆرۇپ تۇردۇقكىن شەخىس بىلەن مىللەتنى ئالماشتۇرۇپ ئوينايدىغان سۈيئىستىمال ئىللەتچىلەر تەرىپىدىن مىللەت بۆھتان ئاستىدا قالدى.شەخسنىڭ كىملىكىنى،شەخىسنىڭ ئاقىۋىتى ۋە خارەكتىرىنى مىللەتكە ئومۇملاشتۇرۇپ قويۇشتىن ئىبارەت ئەقىلسىزلىق ئۇيغۇرغا بىرمۇنچە بۆھتانلارنى چاپلاپ بولدى.
    ئىشكىردە ئۇيغۇر يانچۇقچىلىق قىلسا پۈتكۈل مىللەت ئوغرى،بىر ئۇيغۇر تەنھەركەتچى ئۆلۈپ كەتسە پۈتكۈل ئۇيغۇر جاۋاپكار بولىدىغان تەتۈرچىلىكنىڭ ئۇيغۇردا ئىللەت بار دىگەن قاراشتىن تۇغۇلغانلىقىغا شۈبھە يوقتۇر.ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزىگە خاس خارەكتىرى،بىلىم-سەۋىيىسى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى بولىدۇ.مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيە كىشىنىڭ قىممەت قارىشىنى ۋە بىلىم سەۋىيىسىنى مەنبە قىلىدۇ.مىللەتتە ئىللەت بار دىيىشىمىز   ئۈچۈن پۈتكۈل مىللەتكە ئومۇملاشقان ئىللەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئوبىكتىپ دەلىل  بولىشى كىرەك.مىللەت ئەزالىرىدىكى ئىللەتنىڭ ئومۇمىيلىشىشىدا چوقۇم ئوبىكتىپ بىر سەۋەپ بولىدۇ.مەسىلەن ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى مائارىپ كىرزىسى،تەربىيلەشنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى ۋە سىياسىي رىئاللىق ئۇيغۇرلاردا نادانلىقتىن ئىبارەت ئىللەتكە سەۋەپكاردۇر.
   بىلىمنىڭ ئىلمىيلىكىگە ئەمەس سىياسىيلىقىغا،تەتقىقاتچىنىڭ ئەقلىگە ئەمەس ئوبرازىغا،نەتىجىنىڭ ساپلىقىغا ئەمەس  ئىجدىمائىي ئىنكاسىغا بەكەرەك دىققىتىمىزنى بەرگەنلىكىمىز جەمىيەت تۈزۈلمىمىز،مىللىي قۇرۇلمىمىز ۋە سىياسىي سىستىمىمىزنىڭ ئەمەلىيەتكە ئەمەس ھىسياتقا بىرىلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
ئۇيغۇر مىللى مەدىنيىتى ئاستىدىكى بەزى دىنىي ۋە مىللىيلىك يالىتىلغان  چۈشەنچىلەر سىپى ئۆزىدىن رادىكال بىر سىستىما ھاسىل قىلغان.بۇ رادىكاللىق، سىياسىي رىئاللىق ۋە كىشىللىرىمىزدىكى ھىسياتچانلىقنى مەنبە قىلىدۇ.بۇ رادىكال سىستىما بىزنى دىندىن باشقىغا يىقىن يوللىمايدىغان،ئۇيغۇردىن باشقىنى ئىنسان ھىساپلىمايدىغان  كالۋالىققا باشلايدۇ.دۇنيا بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى مۇسۇلمان دۇنياسى ۋە ئۇيغۇر جەمىيىتىدىن كۆپ چوڭ.بىز ئىسلام ۋە ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىدىن ئىبارەت كىچىك سىستىمىلار ئىچىدە تەپەككۈرىمىزنى ئۈزلۈكسىز بوغقانلىقىمىز ئۈچۈن ھەقىقەتنى كۆرەلمەيمىز ۋە نىشانىمىزغا يىتەلمەيمىز.
بىزنىڭ نىشانىمىز ئىدولوگىيە ئەمەس بەلكى كىلەچەكتىكى رىئاللىق.ئىدولوگىيە پەقەت رىئاللىققا يىتىشتىكى ۋاستە.رىئاللىقىمىزغا پايدىلىقلا بولسا ھەرقانداق ئىدولوگىيە بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئالماشتۇرۇش ۋە مىللىي سىستىمىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كىرەك.
    زىيادە ھىسياتچان مىللەتلىكىمىز ئىنكار قىلغۇسىز ھەقىقەتتۇر.ھىسياتچانلىقىمىز ھەتتا شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى مىليونلىغان ئەقلى ئەمگەكلەرنى ئىككى ئىغىز ھىسسى بايان بىلەن يانجىپ تاشلىۋىتەلەيمىز.ھەرقانداق مەسىلىگە سالماق پوزىتسىيە تۇتالىغان مىللەت كىشىللىرى ئۆز سىستىمىسىنى كۈچەيتەلىگەن ۋە قوغدىيالىغان.بۇ ھەقىقەت بۈگۈنكى كۈندىمۇ كۈچكە ئىگە.بىزدىكى ھىسياتچانلىق ۋە بىلىمسىزلىك بالىللىرىمىزغا مىراس سۈپىتىدە قالماسلىقى ئۈچۈن مائارىپ ۋە تەربىيلەشنى كۈچەيتىشىمىز.تەربىيلەشتىكى تەرەپسىزلىكنى ساقلىشىمىز كىرەك.

   تەربىيلەش جەريانىدا بالىغا ھەرقانداق شەكىلدە دىنى ۋە مىللىي رادىكاللىقنى سىڭدۈرۈش بالىغا ۋە كىلەچەككە قىلىنغان زىيانكەشلىكتۇر.مىللىي سىستىمىنىڭ كۈچىيىشىگە مىللىي مەدەنىيەت تەسىر قىلىدۇ.مىللىي مەدەنىيەت ھىسپلانغان مىللىي بايراملار،مىللىي ئۆرۇپ-ئادەتلەر،مىللىي ناخشا-ئۇسۇل ۋە كىنو-دىرامماچىلىق  قاتارلىقلار ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ  تاينىچىدۇر.مەدەنىيەت ئامىلى مىللىي سىستىمىنىڭ ئەڭ جەلىپكار  نۇقتىسى ۋە مىللىي سىستىمىنىڭ تۈرىكىدۇر.بۈگۈنكى كۈنلىكتىكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ زامانىۋىيلاشقان،رەڭگارەڭلەشكەن ۋە ئىچىۋىتىلگەن بىر دۇنياغا بولغان تەلپۈنىشى مىللىي  مەدىنيىتىمىزنىڭ قاتماللىقى،چۈرۈكلىكى ۋە سىياسىيلىقى تۈپەيلى چەكلىنىپ قىلىۋاتىدۇ.بۇ سەۋەپلەر تۈپەيلى پەرزەنىتلىرىمىز ئەنئەنىۋىي رادىكال قاراشلىرىمىزدىن زىرىكىپ ئەركىن مەدەنىيەتكە ئاسمىلاتسىيە بولىۋاتىدۇ.
    تار پادىچىللار ئىشتىنى كىيگەن،چىچىنى مۆرىسىگە قەدەر قويغان،قۇلىقىغا ھالقا تاقىغان بىر ئۇيغۇر ئەركىكىنى كۆرگەندە قانداق قىلىسىز؟ئۇنۇڭ تاماكا ۋە ھاراق ئىچكەن تۇرقىنى كۆرگەندە مىللەتتىن ئۆمۈدسىزلىنەمسىز؟؟كۆپۈنچە ئۆزىنى ئۇيغۇر ساناپ مەيدىسىگە ئۇرغانلار يۇقارقى ئۇيغۇر پورتىرىتىنى كۆرگەن ھامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ غىلجىڭ ياشلارغا تولۇپ،جەمىيەتنىڭ بۇزلۇپ كىتىۋاتقانلىقى ئۈستىدە شىكايەت قىلىدۇ.ئەسىلى ئىشنىڭ ماھىيىتى بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدەك ئەمەس.سىز كۆرگەن ئۇ «غىلجىڭ» ئۇيغۇر ئۆز مىللىتى ئۈچۈن ئۆز مەنپەئىتىدىن ۋاز كىچەلەيدىغان كىشى بولىشى ھەتتا ھەر خىل يوللار بىلەن مىللى سىستىمىنىڭ كۈچىيىشىگە تۆھپە قوشىۋاتقان بىرى بولىشى تامامەن مومكىن.ئۇ ھالقا تاقىغان،خەلقى ئۈچۈن قولىدىن كەلگىنىنى قىلىۋاتقان «غىلجىڭ»ئەركەكنى  مىللەتنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى دەپ جاكارلىسام جاكارلايمەنكى ئۆزىنى ئەركەك سانىغان  ئىتىكاپتىكى 100خىيالپەرەس موللىدىن ئۆمۈد كۈتمەيمەن.
    مىللىتىمز خىيالپەرەس دىندار ياكى رادىكال مىللەتچى ياشلارغا ئەمەس سالماق ۋە رىئال پوزىتسىيەگە ئىگە ئەۋلادلارغا ئىھتىياچلىق.يۇقارقىدەك مىللەتتىكى ئەنئەنىۋى رادىكال ھۆكۈملۈكلەر ياشلىرىمىزنىڭ ئۆز مىللىتىدىن سەسكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ.تۈركلەردىن ئىزا تارتىپ ئۆزىنى ئۇيغۇر دىيىشتىن نۇمۇس قىلىدىغان،ئۇيغۇر بولۇپ قالغىنىدىن ئۆكۈنىدىغان،ئۇيغۇرچە تار چۈشەنچىلەردىن سەسكەنگەنلىكىنى ئىتراپ قىلىدىغان ياشلار بىلەن كۆپ ئۇچراشتىم.ئۇلار ئۇيغۇرچە ناخشا ئاڭلاش،ئۇيغۇرچە كىنو كۆرۇش،ئۇيغۇرچە خەت يىزىش،ئۇيغۇرچە كىتاپ ئوقۇش ۋە ئۇيغۇرچە تەپەككۈر قىلىشتىن سەسكىنىدۇ ۋە بۇ خىل ئادىتى بار كىشىلەرنى قالاق دەپ قارايدۇ.بۇ بايانلارنى ئوقۇغاندىن كىيىن مىللىي ھىسياتىمىزنىڭ تىشىپ بۇ خىلدىكى ياشلارنى تىللاشقا باشلايدىغانلىقىمىزنى ئۇلارمۇ بىلىدۇ.
   مەسىلە، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇردىن سەسكەنگەنلىك سەۋەنلىكى ئەمەس.بۇ يەردىكى مەسىلە ئۇلار نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇردىن سەسكىنىدۇ؟!دىن ئىبارەت.بۇ خىل ياشلار ئادەتتە چەتئەل مەدەنىيىتى ۋە خەنزۇ مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچۇرشۇش پۇرسىتىگە ئىگە.ئۇلار ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنى باشقا مەدەنىيەتلەر بىلەن   سىلىشتۇرىدۇ ۋە ئۇيغۇر مىللىي سىستىمىسىنىڭ قالاق ۋە زامانىۋىيلىقتىن يىراقلىقىنى ھىس قىلىدۇ.مەدەنىيەتتىن زىرىكىش ۋە مودا ئىقىمىغا ئۇيغۇرلاردىن كەلگەن قارشى ئىنكاس بۇ خىل ياشلارنىڭ شەخسى قىززىقىشى ۋە ئىنتىلىشىنى بوغقانلىقى ئۈچۈن بۇ خىل ياشلار تەبىيلا ئۇيغۇردىن ئىبارەت سىستىمىدىن سەسكىنىدۇ ۋە ئۇنۇڭغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ.
    ياشلارنىڭ شەخسى ئىنتىلىشى ۋە قىززىقىشىغا بولغان مىللىي چەكلىمىللىرىمىز بالىللىرىمىزنى مىللەتتىن سەسكەندۈرشكە سەۋەپ بولۇپ قىلىشى مومكىن.شۇنۇڭ ئۈچۈن بالىلارغا مۇۋاپىق ئەركىنلىكنى بىرىش ئاقىلانە تاللاشتۇر.بالىڭىزنىڭ ھوجۇرسىغا كىرىشىڭىز ئۈچۈن بالىڭىزنىڭ رۇخسىتىنى   ئىلىشىڭىزنىڭ ئۆزى بالىڭىزغا مۇستەقىللىق روھى ۋە  ئائىلىگە كۆيۈنۈشتىن ئىبارەت مۇھەببەت دەرىسى بەرگەنلىكىڭىزدۇر. ئائىلىگە كۆيۈنۈش مىللەتكە كۆيۈنۈشكە سەۋەپ بولىدۇ.
   كىچىك چىغىدا ئالدىنى ئىلىش تەدبىرلىرىنى پۇختىلاش ئارقىلىق مەسىلىنىڭ مۇرەككەپلىشىشىنى توسىغىلى بولىدۇ.مىللەتتىكى پەرزەنت تەربىيسىنىڭ موھىملىقى كىلەچىكىمىزنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ.مىللەتتىكى نۇرغۇن رىئال مەسىلىلەر بىزنىڭ كۈچ چىقىرشىمىزنى، رىئال پوزىتسىيە بىلەن ئوڭشىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.دىننى ۋە مىللى روھانىي جەمىيەتتە خىيالىمىزنى ئوتۇن قىلىپ تەسەۋۋۇرغا بىرىلگەن تەغدىردىمۇ رىئاللىقنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغىنى بولمايدۇ.مەۋھۇم قىلىپنىڭ ئىچىگە كىرۋىلىپ موھىم مەسىلىلىرىمىزنى سۆز ئوينىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇش دەۋىرنىڭ تەقەززاسىغا مۇخالىپتۇر.ياشلارنى مەدەنىيىتىمىزگە قىززىقتۇرۇش،ئۇلارنى ئۇيغۇر بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن كاللىمىزدىكى مىللىي ۋە دىننى قىممەت ئۆلچەملىرىنى دەۋىرنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلاشتۇرشىمىز كىرەك.
    ئەڭ موھىم مەسىلىلەرنى مىللىي مەنپەئىتىمىزنىڭ ئۈستىدە تەھلىل قىلىشنى ئۈگىنىشىمىز،قۇرۇق خىيالىي ۋە روھانى تۇيغۇلىرىمىزغا رىئال ئەمگەكلەرنى تىگىشۋەتمەسلىكىمىز كىرەك.مىللەتكە تولۇپ-تاشقان ئىشەنىچ ۋە ئۆمۈد بىلەن بىقىش كىرەك.مىللىي سىستىمىمىزنى قوغدىساق ۋە ھەر ساھەدە مىللىي تەرەققىياتىمىزنى زامانىۋىيلىق بىلەن يۇغۇرساق مىللىي مەۋجۇتلۇقتىن  ئەنسىرشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.كوچىلاردىكى قىسقا يوپكا كىيگەن قىزلارغا،چىچىنى بويىتىۋالغان ياشلار ۋە لىدى گاگانىڭ چوقۇنغۇچىللىرىغا قاراپ مىللەتتىن ئۆمۈدسىزلىنىش ۋە  مىللەت ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش ئالجىغانلىقتۇر.مىللەتتىن ئۆمۈدسىزلەنسەك يۇقارقىدەك زامانىۋىي ياشلارنى كۆرگەندە ئەمەس بەلكى مىللەتتىن شىكايەت قىلىدىغان پالەش تەپەككۈر ئىگىللىرىنى كۆرگەندە ئۆمۈدسىزلەنسەك بولىدۇ.
    بۈگۈنكى دۇنيا بىزنىڭ ئاتا-بۇۋىللىرىمىز دەۋرىدىكى ھەممە بىرخىل بولىدىغان،پەرىقلىق قىززىقىشتىكى كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىدىغان ئاددى قۇرۇلمىدىكى جەمىيەت ئەمەس.بۈگۈنكى دۇنيا رەڭدارلىقى،پەرىقلىق خارەكتىر ۋە قىزىقىشتىكى كىشىلەرنىڭ موللىقى بىلەن گۈزەلدۇر. بۈگۈنكى زامانىۋىي دۇنيادا كىشىلەر جەمىيەت ئىشلەپ چىقارغان «مەن»بولۇپ ئەمەس ئەكسىچە تەبىئىي «مەن»بولۇپ ياشايدۇ.كىشىلەرنىڭ تەبىيلىكى،قىززىقىشى ۋە خارەكتىرى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ.كىشىلەردىكى پەرىقلىق زوق ئىلىش ئىستەكلىرى مىللەت ۋە خەلىققە بولغان تۆھپە يارىتىش ئىشتىياقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
كىشىلەرنىڭ شەخسى ھاياتى ۋە شەخسى ئىستەكلىرىگە قاراپ مىللەت ئۈچۈن قولىدىن كىلىدىغان تىرىشچانلىقلىرىغا باھا بىرەلمەيمىز.بىر ھەمجىنىس،بىر پائىشە،بىر ئارتىسىت ۋە ياكى بىر جىنىس ئۆزگەرتكۈچى ۋە ياكى بىر ھاراقكەش مىللەتكە قوشقان تۆھپىللىرى بىلەن ئۇلۇغ سانىلىشى تامامەن مومكىن.
بۈگۈنكى رىئال جەمىيەتكە ئىدولوگىيىرىمىزنى ئۇيغۇنلاشتۇرشىمىز ۋە مىللىي سىستىمىمىزنى كۈچەيتىشىشىمىز ئۈچۈن بىزگە دۈشمەن سىستىمىلاردىن كۈچلۈك زامانىۋىي ۋە ئىلغار ئىدولوگىيەگە ئىگە بولىشىمىز كىرەك.
    بۈگۈنكىدەك تىز سۈرەتتە مەدەنىيەتلەر،مىللەتلەر ۋە دىنلار يۇغۇرلۇنۇپ كىتىپ بارغان يەرشارىلاشقان جەمىيەتتە زىيادە كونسىرۋاتىپلىق مىللىي ئىدولوگىيىرىمىزنىڭ چۈرۈشىگە سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ.مىللى سىستىمىمىزنىڭ مۇستەھكەملىشىشى،مىللىي جەلىپكارلىقىمىزنىڭ  كۈچىيىشى ئۈچۈن ئەخلاقى،دىنى ۋە مىللىي قىممەت ئۆلچەملىرىمىزنى تەڭشىشىمىز ھىسياتچان ھالىتىمىزنى ئەقلىي ھۆكۈمگە مائىل ۋەزىيەتكە ئەكىلىشىمىز كىرەك.
بۈگۈنكى دۇنيا بىزنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغىنىمىزدەك ئادىل ئەمەس.ئادىللىق ئەگەر بار بولغان بولسا ئىدى تىرىشچانلىق ۋە ئەقلى تەپەككۈرنىڭ ئەھمىيىتى قالمايىتتى.بۈگۈنكى رىئال ھاياتتا ئاچچىق رىئاللىقنى تونىغان،تىرىشچانلىق ۋە ئەقلى تەپەككۈر بىلەن ھالىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان كىشىلەر ۋە مىللەتلەر دۇنيا سەھنىسىدە پۇت تىرىپ تۇرىدۇ.بۇ ھەقىقەتنىڭ ھىچقانداق ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقى يوق.
     نەزەر ۋە دىققىتىمىز ئۆزەگەرتىشكە مومكىن بولمايدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەمەس،ئۆزگەرتىشكە ئىمكان بولغان نەرسىلەر ئۈستىدە بولىشى زۆرۈر.
ھەقىقەت شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈپتىكى ئالدىمىزدە ئىككى خىل ئاچچىق رىئاللىق سوزۇلۇپ يىتىپتۇ.بىرى يوقۇلۇش بىرى ئۆزىنى يىڭىلاش ئارقىلىق مەۋجۇتلىقىنى ساقلاش.

ھەممىڭلارغا سۆيگۈ ۋە ھۆرمەت بىلەن تەشەككۈرلىرىمنى يوللايمەن.

4

تېما

1

دوست

594

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   18.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33673
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 168
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 11:19:28 |ئايرىم كۆرۈش
بۈگۈنكىدەك تىز سۈرەتتە مەدەنىيەتلەر،مىللەتلەر ۋە دىنلار يۇغۇرلۇنۇپ كىتىپ بارغان يەرشارىلاشقان جەمىيەتتە زىيادە كونسىرۋاتىپلىق مىللىي ئىدولوگىيىرىمىزنىڭ چۈرۈشىگە سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ.مىللى سىستىمىمىزنىڭ مۇستەھكەملىشىشى،مىللىي جەلىپكارلىقىمىزنىڭ  كۈچىيىشى ئۈچۈن ئەخلاقى،دىنى ۋە مىللىي قىممەت ئۆلچەملىرىمىزنى تەڭشىشىمىز ھىسياتچان ھالىتىمىزنى ئەقلىي ھۆكۈمگە مائىل ۋەزىيەتكە ئەكىلىشىمىز كىرەك. مۇشۇ يەرلىرىنى تازا چۈشىنەلمىدىم
قايسى دىن قايسى دىنغا يۇغۇرلۇپ كىتىپتۇ ؟ يەنە دىنىمىزنى سىزنىڭچە قانداق تەڭشىسەك بولا  مەنچە بولغاندا دىنغا مۇناسىۋەتلىك يەرلىرى ئىلىۋىتىلسە تىخىمۇ ياخشى بولغىدەك . پەكەت شەخسى قاراش تىمىڭىزغا رەخمەت .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

22

تېما

0

دوست

6321

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   26.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  618
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1378
تۆھپە : 1018
توردىكى ۋاقتى: 363
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 11:26:12 |ئايرىم كۆرۈش

1

تېما

1

دوست

405

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   52.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33378
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 126
توردىكى ۋاقتى: 29
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-17
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 11:34:22 |ئايرىم كۆرۈش
    بۈگۈنكىدەك تىز سۈرەتتە مەدەنىيەتلەر،مىللەتلەر ۋە دىنلار يۇغۇرلۇنۇپ كىتىپ بارغان يەرشارىلاشقان جەمىيەتتە زىيادە كونسىرۋاتىپلىق مىللىي ئىدولوگىيىرىمىزنىڭ چۈرۈشىگە سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ.مىللى سىستىمىمىزنىڭ مۇستەھكەملىشىشى،مىللىي جەلىپكارلىقىمىزنىڭ  كۈچىيىشى ئۈچۈن ئەخلاقى،دىنى ۋە مىللىي قىممەت ئۆلچەملىرىمىزنى تەڭشىشىمىز ھىسياتچان ھالىتىمىزنى ئەقلىي ھۆكۈمگە مائىل ۋەزىيەتكە ئەكىلىشىمىز كىرەك.                   .....
سىزنىڭچە قايسى دىن قايسى دىنغا  يۇغۇرلۇپ كەتتى تەپسىلى سىلىشتۇرۇپ يىزىڭا  مەن بىلىۋالاي مىڭ يىللاردىن بىرى بىزنىڭ دىنىمىز شۇبويىچە بولۇۋاتمامدۇ .قايسى دىن بىلەن قايسى دىن يۇغۇرلۇپ  بىرلىشىپ كەتتى ..........؟؟؟؟؟؟؟؟

4

تېما

4

دوست

1534

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   53.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23502
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 512
توردىكى ۋاقتى: 151
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 11:36:25 |ئايرىم كۆرۈش
بۈگۈنكى رېئاللىقىمىزدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق ھادىسە دەل بىر ئىككى كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ خىياللىرىنى مىللەتكە تاڭماقچى بولىشى ۋە ئۆزىنى مىللەت ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلدىم دەپ ئويلاپ قېلىشىدۇر .مەيلى كىمبولىشىدىن قەتئىينەزەر بىلىپ قالسۇنكى ئۆيغۇر بىر قەۋم ،ئۇ سىزنىڭ بالىڭىز ئەمەس خىياللىرىڭىزنى تەجرىبە قىلىدىغان .مىللەتنىڭ ئىشىنى مىللەت مۇھاكىمە قىلسۇن ھېچ بولمىغاندا مىللەتنىڭ نوپۇزلۇق ھەر ساھە كىشىلىرى بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ مەسلىھەتلىشىپ قارار قىلسۇن .شۇ خىل ھالەت بولماي تۇرۇپ ئېغىزلىرىمىزنى خىياللىرىمىزنىڭ ئاپشاركىلىرىغا ئايلاندۇرىۋېلىش بىكار ۋاقتىمىزنىڭ كۆپلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس .

4

تېما

4

دوست

1534

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   53.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23502
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 512
توردىكى ۋاقتى: 151
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 11:40:51 |ئايرىم كۆرۈش
Arkani يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 11:36
بۈگۈنكى رېئاللىقىمىزدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق ھادىسە دەل بى ...

ئۇيغۇر ئۈچۈن ئۇيغۇر بولۇشلا يەتمەيدۇ.ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلۇق مىللى روھ بىلەن مۇقەددەس بىر ئېتىقاد بولىشى كېرەك .مانا بۇ ئىككى نەرسە ئۇيغۇرنىڭ مەۋجۇدلىقىنىڭ ئاساسى .
                                             دوكتور نېبىجان تۇرسۇن .

7

تېما

3

دوست

4923

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   97.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 404
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 1377
توردىكى ۋاقتى: 299
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 11:43:19 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ تېملار يەنىلا مەسىلنىڭ نەق يېرىنى تاپالمايۋاتقان تالاي ماقالىلەردەك چىقىپتۇ. شۇنداقتىمۇ ئومون ئەپەندنىڭ مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە مەۋجۇتلۇقى ھەققىدىكى ئىزدىنشگە يەنىمۇ بۆسۈش تىلەيمەن.شۇڭلاشقا قايتا قايتا ئوقۇپ ۋاقتىم زىيان كەتتى دەپ قا رىمايمەن.ئوقۇشقا ئەرزىيدۇ،لىكىن مىللى مەدەنىيەت دېگەننى زىيالىلار چۈشنىىدۇ ھەم شۇنداق زامانغا ماس ئۆلچەملەر بىلەن ياشاۋاتىدۇ ھەم پەرزەنت تەربىيلەۋاتىدۇ،بولۇپمۇ شەھەر ئاھالىلىرنىڭ كۆپچلىكىنى ھازىرقى زامان ئاڭ شەكىللنىپ بولدى،ئۇلاردا قانداقمۇ كونسىراۋاتىپلىق مەۋجۇت بولسۇن،مىللەتنىڭ ئومومى گەۋدىسدىن ئالغاندا دېھقانلارنىڭ

تېمىدا قىسمەن  مەسىلىلەر بۇ يوشۇرۇن بىر ھالەتتە يېزىلغان .مەسىلەن بىر يەردە‹مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلۇق يۇمشاق كۈچى مىللىي مەۋجۇتلۇقنىڭ ئاساسىدۇر›دېيلگەن لىكىن   مەۋجۇتلۇق ئاساسى كۈچى دەپ قارالغان مەۋجۇتلۇق يۇمشاق كۈچى دېگەن نېمە؟ ئۇ نېمنى كۆرستىدۇ؟بۇھەقتە ھېچقانداق چۈشەنچە بېرىلمگەن.


0

تېما

10

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 402
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 3580
توردىكى ۋاقتى: 1460
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 11:48:54 |ئايرىم كۆرۈش
ياشلاغا خاس ئەركىن تەپەككۈرنىڭ ئوچۇق ئىپادىلىنىشى بوپتۇ.  خاتا سۆزلەپ قويۇپ تەنقىدكە قالامەنمۇ دەپ پىكىرقىلماسلىقمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك. ئاساسى ئېدىيەڭ  قانداق قىلىپ ئورتاقلىقلىرىمىزدىن يارالغان مەۋجۇد سېستىمىمىزنى كۈچلەندۈرەلەيمىز دېگەن نوختىدا بولغاچ  بەزىبىر تولىمۇ ياش ئېدىيەلىرىڭنىمۇ توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئومۇمەن ياخشى يېزىپسەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )