- تىزىملاتقان
- 2015-1-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 130
- نادىر
- 0
- يازما
- 10
ئۆسۈش
43.33%
|
قارغاندا ئومۇن ئەپەندىم ،سىز ھازىرقى ئۇيغۇر جەمىيتىدىن تازا خەۋرىڭىز يوقتەك تۇرامدۇ نىمە !؟
دىمەكچى بولغۇنۇم ،خەلقىمىزدە ھازىر ئۈزلۈك تونۇشى ،ئتتىپاقلىق ،مەنىۋىيەت ۋە ئىتقاد جەھەتتىكى ئىجابى ئىلگىرلەش ئادەمنى سۈيۈندۇردۇ ،(بەزى ئايرىم تەرەپلەرنى مسالغا ئالمىغاندا )، سىزگە بەلكىم تۈركىيەنىڭ ئىلمانىيەچە دۆلەت تۈزۈلمسى ۋە ياۋراپانىڭ ئەركىن دىمۇكىراتتىيە يىتەكچىلكىدىكى ئەر-ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى ئاتالمىش زىيادە ئەركنىلىك سىزگە چۇڭقۇر تەسىر قىلغان بولۇشى مۇمىكىن ،بۇنى تۇغرا چۈشۈنشكە بولىدۇ چۈنكى سىز ھازىر ۋەتەندە ئەمەس بەلكى (خىلى ئۇزۇن ۋاقتىلاردىن بىرى )تۈركىيەدە بولشڭىز مۇمكىن ،پەيغەمبەر ئەلەيھسالامنىڭ بىر ھەدىسىدە :«ئادەمگە مۇھىت تەسىر كۈرسۈتىدۇ»دىيلگەن بولۇپ ،بۇ ھەدىستىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكچى بولغان قاراشنى سىزدىن ۋە سىزنىڭ ئوشبۇ ماقالىڭىزدىن كۈرگەندەك بولۋاتىمەن!! ھەممىمزگە مەلۇم ،خەلقمىز 7-ئەسرىدىن باشلاپ ئسلام دىننى قۇبۇل قىلغان بىر تارىخى دىنى قەۋىم بولۇش سۈپتى بىلەن ئسلامدىكى بارلىق شەرىئەت ئەقىدللىرنى ۋە ياشاش پىرنسپلىرنى ئۈزنىڭ كۈنكىرتنى تۈرمۇشغا تەلتۇكۈس سىڭدىرۋەتكەن دىنى ۋە تارىخى ئتنوگىرافىيەگە ئىگە مەدەنىيەتلىك خەلق ،بۇنۇڭدىن كۈرۈۋىلشقا بولدىكى، خەلقمىز بۇنۇڭدىن كىينمۇ يەنلا دىننى ئاتمۇسفىرا قىلغان مۇھىتتا ياشايدۇ .ئەلۋەتتە بو خىل تاللاش ئويغۇر قەۋمنىڭ (خەلقمىزنىڭ )تارىخى خاتالىغى ئەمەس ،مەقسەتكە كەلسەم سىز ماقالڭىزدا خۈنۈكلەشكەن 100مۇللامدىن جەميەتتىكى ئاتالمىش تۈھپە قۇشقان ھەمجىنىس ۋەياكى بىر ھاراقكەش ئەلا دىگەندەك يەكۈننى مەسئوليەسزلىك بىلەن ئوتتۇرغا قويۇپ دىندار خەلقمىزگە ئازار بەرگەنلىكىڭىز مىنى بەكلا ئەپسۇسلاندۇردى ،قارشمچە ئسلام دىنى ئەدەم -ئەخلاققا ،ئىلم ئۈگۈنشكە ،ئۆزنى كۈچلەندۇرۇشكە،كائىناتنىڭ سىرلىرنى ئىچشقا ،جەسۇر ياشاشقا ئۈندەيدىغان دىن، تەۋسىيەم سىز بۇ نوختىنى ئسڭىزدىن چىقارماڭ ئۇمۇن قىرندىشىم .يەنە دەيدىغنىم جەميىتمىزدە سىز تىلغا ئالغان خۈنۈك -خۇراپى مۇللىدىن ئويغاق زىيالى مۇللا كۈپ ،ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش خائشى خىلىلا ئىغىردەك تۇردۇ ،بۇ تەرەپلەردىكى كەمچىللىكىڭىزنى ۋاختىدا تۈزتۈشىڭىزنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن . |
|