- تىزىملاتقان
- 2013-2-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3974
- نادىر
- 0
- يازما
- 435
ئۆسۈش
65.8%
|
تار پادىچىللار ئىشتىنى كىيگەن،چىچىنى مۆرىسىگە قەدەر قويغان،قۇلىقىغا ھالقا تاقىغان بىر ئۇيغۇر ئەركىكىنى كۆرگەندە قانداق قىلىسىز؟ئۇنۇڭ تاماكا ۋە ھاراق ئىچكەن تۇرقىنى كۆرگەندە مىللەتتىن ئۆمۈدسىزلىنەمسىز؟؟كۆپۈنچە ئۆزىنى ئۇيغۇر ساناپ مەيدىسىگە ئۇرغانلار يۇقارقى ئۇيغۇر پورتىرىتىنى كۆرگەن ھامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ غىلجىڭ ياشلارغا تولۇپ،جەمىيەتنىڭ بۇزلۇپ كىتىۋاتقانلىقى ئۈستىدە شىكايەت قىلىدۇ.ئەسىلى ئىشنىڭ ماھىيىتى بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدەك ئەمەس.سىز كۆرگەن ئۇ «غىلجىڭ» ئۇيغۇر ئۆز مىللىتى ئۈچۈن ئۆز مەنپەئىتىدىن ۋاز كىچەلەيدىغان كىشى بولىشى ھەتتا ھەر خىل يوللار بىلەن مىللى سىستىمىنىڭ كۈچىيىشىگە تۆھپە قوشىۋاتقان بىرى بولىشى تامامەن مومكىن.ئۇ ھالقا تاقىغان،خەلقى ئۈچۈن قولىدىن كەلگىنىنى قىلىۋاتقان «غىلجىڭ»ئەركەكنى مىللەتنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى دەپ جاكارلىسام جاكارلايمەنكى ئۆزىنى ئەركەك سانىغان ئىتىكاپتىكى 100خىيالپەرەس موللىدىن ئۆمۈد كۈتمەيمەن.
مىللىتىمز خىيالپەرەس دىندار ياكى رادىكال مىللەتچى ياشلارغا ئەمەس سالماق ۋە رىئال پوزىتسىيەگە ئىگە ئەۋلادلارغا ئىھتىياچلىق.يۇقارقىدەك مىللەتتىكى ئەنئەنىۋى رادىكال ھۆكۈملۈكلەر ياشلىرىمىزنىڭ ئۆز مىللىتىدىن سەسكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ.تۈركلەردىن ئىزا تارتىپ ئۆزىنى ئۇيغۇر دىيىشتىن نۇمۇس قىلىدىغان،ئۇيغۇر بولۇپ قالغىنىدىن ئۆكۈنىدىغان،ئۇيغۇرچە تار چۈشەنچىلەردىن سەسكەنگەنلىكىنى ئىتراپ قىلىدىغان ياشلار بىلەن كۆپ ئۇچراشتىم.ئۇلار ئۇيغۇرچە ناخشا ئاڭلاش،ئۇيغۇرچە كىنو كۆرۇش،ئۇيغۇرچە خەت يىزىش،ئۇيغۇرچە كىتاپ ئوقۇش ۋە ئۇيغۇرچە تەپەككۈر قىلىشتىن سەسكىنىدۇ ۋە بۇ خىل ئادىتى بار كىشىلەرنى قالاق دەپ قارايدۇ.بۇ بايانلارنى ئوقۇغاندىن كىيىن مىللىي ھىسياتىمىزنىڭ تىشىپ بۇ خىلدىكى ياشلارنى تىللاشقا باشلايدىغانلىقىمىزنى ئۇلارمۇ بىلىدۇ.
مەسىلە، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇردىن سەسكەنگەنلىك سەۋەنلىكى ئەمەس.بۇ يەردىكى مەسىلە ئۇلار نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇردىن سەسكىنىدۇ؟!دىن ئىبارەت.بۇ خىل ياشلار ئادەتتە چەتئەل مەدەنىيىتى ۋە خەنزۇ مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچۇرشۇش پۇرسىتىگە ئىگە.ئۇلار ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنى باشقا مەدەنىيەتلەر بىلەن سىلىشتۇرىدۇ ۋە ئۇيغۇر مىللىي سىستىمىسىنىڭ قالاق ۋە زامانىۋىيلىقتىن يىراقلىقىنى ھىس قىلىدۇ.مەدەنىيەتتىن زىرىكىش ۋە مودا ئىقىمىغا ئۇيغۇرلاردىن كەلگەن قارشى ئىنكاس بۇ خىل ياشلارنىڭ شەخسى قىززىقىشى ۋە ئىنتىلىشىنى بوغقانلىقى ئۈچۈن بۇ خىل ياشلار تەبىيلا ئۇيغۇردىن ئىبارەت سىستىمىدىن سەسكىنىدۇ ۋە ئۇنۇڭغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ.
ياشلارنىڭ شەخسى ئىنتىلىشى ۋە قىززىقىشىغا بولغان مىللىي چەكلىمىللىرىمىز بالىللىرىمىزنى مىللەتتىن سەسكەندۈرشكە سەۋەپ بولۇپ قىلىشى مومكىن.شۇنۇڭ ئۈچۈن بالىلارغا مۇۋاپىق ئەركىنلىكنى بىرىش ئاقىلانە تاللاشتۇر.بالىڭىزنىڭ ھوجۇرسىغا كىرىشىڭىز ئۈچۈن بالىڭىزنىڭ رۇخسىتىنى ئىلىشىڭىزنىڭ ئۆزى بالىڭىزغا مۇستەقىللىق روھى ۋە ئائىلىگە كۆيۈنۈشتىن ئىبارەت مۇھەببەت دەرىسى بەرگەنلىكىڭىزدۇر. ئائىلىگە كۆيۈنۈش مىللەتكە كۆيۈنۈشكە سەۋەپ بولىدۇ.
كىچىك چىغىدا ئالدىنى ئىلىش تەدبىرلىرىنى پۇختىلاش ئارقىلىق مەسىلىنىڭ مۇرەككەپلىشىشىنى توسىغىلى بولىدۇ.مىللەتتىكى پەرزەنت تەربىيسىنىڭ موھىملىقى كىلەچىكىمىزنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ.مىللەتتىكى نۇرغۇن رىئال مەسىلىلەر بىزنىڭ كۈچ چىقىرشىمىزنى، رىئال پوزىتسىيە بىلەن ئوڭشىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.دىننى ۋە مىللى روھانىي جەمىيەتتە خىيالىمىزنى ئوتۇن قىلىپ تەسەۋۋۇرغا بىرىلگەن تەغدىردىمۇ رىئاللىقنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغىنى بولمايدۇ.مەۋھۇم قىلىپنىڭ ئىچىگە كىرۋىلىپ موھىم مەسىلىلىرىمىزنى سۆز ئوينىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇش دەۋىرنىڭ تەقەززاسىغا مۇخالىپتۇر.ياشلارنى مەدەنىيىتىمىزگە قىززىقتۇرۇش،ئۇلارنى ئۇيغۇر بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن كاللىمىزدىكى مىللىي ۋە دىننى قىممەت ئۆلچەملىرىنى دەۋىرنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلاشتۇرشىمىز كىرەك.
ئەڭ موھىم مەسىلىلەرنى مىللىي مەنپەئىتىمىزنىڭ ئۈستىدە تەھلىل قىلىشنى ئۈگىنىشىمىز،قۇرۇق خىيالىي ۋە روھانى تۇيغۇلىرىمىزغا رىئال ئەمگەكلەرنى تىگىشۋەتمەسلىكىمىز كىرەك.مىللەتكە تولۇپ-تاشقان ئىشەنىچ ۋە ئۆمۈد بىلەن بىقىش كىرەك.مىللىي سىستىمىمىزنى قوغدىساق ۋە ھەر ساھەدە مىللىي تەرەققىياتىمىزنى زامانىۋىيلىق بىلەن يۇغۇرساق مىللىي مەۋجۇتلۇقتىن ئەنسىرشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.كوچىلاردىكى قىسقا يوپكا كىيگەن قىزلارغا،چىچىنى بويىتىۋالغان ياشلار ۋە لىدى گاگانىڭ چوقۇنغۇچىللىرىغا قاراپ مىللەتتىن ئۆمۈدسىزلىنىش ۋە مىللەت ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش ئالجىغانلىقتۇر.مىللەتتىن ئۆمۈدسىزلەنسەك يۇقارقىدەك زامانىۋىي ياشلارنى كۆرگەندە ئەمەس بەلكى مىللەتتىن شىكايەت قىلىدىغان پالەش تەپەككۈر ئىگىللىرىنى كۆرگەندە ئۆمۈدسىزلەنسەك بولىدۇ.
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم قىرىندىشىم ، تېمىڭىز نى ئوقۇدۇم ، بەزى جايلىرى ئىنىقكى بىزنىڭ مىللى كىملىكىمىزنى سۇسلاشتۇرۇش ، دىنى كەيپىياتلارنى تۆۋەنلىتىش ، غەرىپنىڭ ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى سىڭدۇرۇش نىمىگە زۈرۈر بوپ قالدى ، مىللى خاسلىمىزنى يۇقاتمىغان ئەھۋالدا بىز بىلىم ئالساق بۇلىدۇ ، تەرەقىياتلارغا يۈزلەنسەك بۇلىدۇ ،
مەزمۇننى ئازراق يىغىچاقلىغان بولسىڭىز بوپتىكەن ، بەزى جايلىرى قايتا-قايتا تەكرارلىنىپ قالغاندەك ھىس قىلدىم ،
كەچۈرۈڭ قىرىندىشىم زاغرا تىلدا سۆزلەپ قالدىم .. |
|