- تىزىملاتقان
- 2012-6-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14290
- نادىر
- 0
- يازما
- 511
ئۆسۈش
  10.73%
|
ئۇيغۇرلارنىڭ پەن-تېخنىكىدا ئارقىدا قالغانلىغىنى جاھان بىلىدۇ. لېكىن مەدەنىيلىك ۋە ئېنسانىيلىقتا ئۇنچە ئارقىدىمۇ ئەمەس. ماددى تەرەققىيات روھىنى يۇتۇپ كېتىۋاتقان بەزى خەلقلەرگە قاراپ شۈكرى قىلىش كېرەك. ئەڭ مەدەنى، قۇدرەتلىك خەلقلەرمۇ ھەۋەس قىلغۇدەك دەرىجىدە ئېنسانلىقنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىنى ساقلاپ قالالىغان خەلق بىز. جاھاندىكى ئەڭ پەس-پاسكىنا، ئەڭ ئاشقۇن ئېدىيەلەرنىڭ ئەسىرلەپ روھىمىزنى تالان-تاراج قىلىشىدىن كېيىنمۇ ئۆزىمىزنى يوقاتماي مۇشۇنچىلىك بولسىمۇ قالغىنىمىزنىڭ سەۋەبى-ھېكمىتى دەل قېنىدا ئۇلۇغلۇق بار خەلقنىڭ ئەۋلادلىرى بولغانلىقىمىز. ئۇيغۇرلار تېخى ئۆزىدىن نۇمۇس قىلغۇدەك ھالدا قالغىنى يوق. بار دېيىلسە بۇ پۈتۈنلەي بىر قىسىملارنىڭ ئۆزىنى چۈشەنمەسلىك، ئۆزىنى تونىماسلىقتىن كېلىپ چىققان چۈشكۈنلۈكى خالاس. تۇرمۇش شەكلىمىزنى، ئادەت-ئەنئەنىلىرىمىزنى ساقلايلى .ئۇيغۇرلۇقنىڭ مېغىزى شۇ يەردە.10 مىليون خەلقنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ تارتىپ تۇرغان، غورۇر ۋە ئىشەنچ بېرىۋاتقان نەرسىلەرنى تونىساق، قەدرلىسەكلا چوڭ ئىش يوق. بۇلارنى ھەرگىزمۇ دەۋىر ئۆزگۈرۈشلىرىنىڭ ساختا ئۆلچەملىرىگە بەربات قىلىۋەتمەيلى. |
|