شۇنچە چوڭ بىر قەۋىم تۇرۇپ،بىرەر مارشىنىڭ بولماسلىغىغا ئىچىم پۇشتى .شۇڭا بۇ مارىش تېكسىتىنى زاتى مەۋھۆم،ساداسى ۋە زېيىنى ئاشكارە بىرقەۋىمگە سەدىقە قىلدىم.جىن-شاياتۇن ئوركىستېرىنىڭ تەڭكەش قىلىشى ئاستىدا،ئۇز ئىچىدىن يوقۇرى ئاۋازلىق ئېشەكلەر كوللىكتىۋى تەشكىللەپ ئۇزلىرى ئورۇنلىۋالسا بولىدۇ!
مۇنبەر لۆكچەكلىرىنىڭ مارشى
ئىچى ئاغىرىپ ھەدېھيە قىلغۇچى:قاسىم سىدىق
تىل ئۇچىدا ئىناقلىقنى ياقلايمىز، تاڭلايلاردا پىچاق،شەمشەر ساقلايمىز. ئېغىزىمىز_ مىلتىق،قورال دىگەن شۇ، “مىلتىق”لارنى نىجاسەتتە ئوقلايمىز.
نەقرات:
شۇ تەرىقە مۇنبەرلەرنى يوقلايمىز، شىكار قىلىپ قوساقلارنى توقلايمىز!
دېتلالمىساڭ ئەقىل يەتمەي تېمىنى، لەڭ ئورغۇزۇپ،چۈكەر بونداق كېمىنى. يەۋاتقاندەك بولۇپ ئەلنىڭ غېمىنى، قاملىشىدۇ دەۋەرسەڭ ھەرنىمىنى.
نەقرات:
بىزلەر چاقچى پالتا-پىچاق چاقلايمىز، جىدەل چىقسا روناق تېپىپ،چاقنايمىز!
باش كۆتەرسەڭ،شۇئان ئۇرۇپ بېشڭغا، ئىنسان كەلمەس قىلماق مەقسەت قېشىڭغا. شۇ تەرىقە كېلەلمەيسەن ھوشۇڭغا، تەڭ تۇرماق تەس بىزنىڭ مەۋھۆم قۇشۇنغا.
نەقرات:
زاكاز ئېلىپ،كىرىمنى ئون قاتلايمىز، شەيتان بىزنى...،بىز شەيتاننى ئاتلايمىز!
مەقسەت سوقماق كاللىلارنى كاللىغا، تېكەن تەرمەك گۆلنى يۇلۇپ ھويلىغا. گەپلىرىمىز چىقمىسمۇ چويلىغا، بىزمۇ باردەپ سېلىپ تۇرۇش يادىغا.
نەقرات:
بىز يوشۇرۇن،پىنھاندا جان ساقلايمىز، سەن ئاشكارە،شۇڭا قورىقماي پۇتلايمىز. “ئادالەت”نى مانا شۇنداق ياقلايمىز. رەقىپلەرنى مانا شۇنداق باپلايمىز، تېرىسىدە ئۇستۇرلارنى كاپلايمىز!
2015.1.15
خالا جايدا يېزىلدى.
|