ئىنتېرنېت تورىدىكى باش سۈرەت، ھېسابات نامى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈش كۈچەيتىلىدۇ
2-ئاينىڭ 4-كۈنى دۆلەتلىك ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى «ئىنتېرنېت تورىدىكى ھېسابات نامىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بەلگىلىمە» دەپ ئاتىلىدۇ) نى ئېلان قىلدى.
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 4-فېۋرال خەۋىرى: 2-ئاينىڭ 4-كۈنى دۆلەتلىك ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى «ئىنتېرنېت تورىدىكى ھېسابات نامىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بەلگىلىمە» دەپ ئاتىلىدۇ) نى ئېلان قىلدى. بەلگىلىمىدە ئىنتېرنېت تورى ئابونېنتلىرىنىڭ ھېسابات نامى (ئاكونت نامى) نىڭ ئورگان ياكى شەخسنىڭ بىلوگ، مىكروبىلوگ، ئالاقە قورالى، مۇنبەر، چاپلاقخانا، تېمىغا ئەگىشىپ ئىنكاس يېزىش قاتارلىق ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتىدە تىزىملاتقان ياكى ئىشلەتكەن ھېسابات نامىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى. بەلگىلىمە ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ «ئارقا سۇپىدا ھەقىقىي ئىسىم قوللىنىش، ئالدى سۇپىدا ئۆز ئىختىيارىچە بولۇش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، بىخەتەرلىك باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت كۆلىمى بىلەن ماس كەلگۈدەك كەسپىي خادىملارنى ئاجرىتىپ، ئىنتېرنېت تورى ئابونېنتلىرى تاپشۇرغان ھېسابات نامى، باش سۈرىتى ۋە قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى قاتارلىق تىزىملىتش ئۇچۇرلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېىپ بېرىپ، قانۇنغا خىلاپ ۋە ناچار ئۇچۇر بارلىرىنى تىزىملاتقۇزماسلىقنى؛ ئابونېنتلارنىڭ ئۇچۇرى ۋە پۇقرالارنىڭ شەخسىي سىرلىنى قوغداپ، ئاڭلىقلىق بىلەن جەمئىيەتنى نازارەت قىلىپ، ئامما پاش قىلغان ھېسابات نومۇرى، باش سۈرەت ۋە قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىدىكى قانۇنغا خىلاپ ۋە ناچار ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى. «ئىنتېرنېت تورىدىكى ھېسابات نامىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ.
تەرجىمىدە: ھاجىم
مەنبە:http://www.okyan.com/html/news/Tech/2015/0204/8503.html
|